ئاشقازاننىڭ ئاساسلىق 5 خىل رولى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

   ئاشقازان ئۈستۈنكى قورساق بوشلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈستۈنكى قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توغرىسىغا تۇرىدۇ. ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان بىلەن قىزلئۆڭگەچنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاشقازان تۈۋى ئاشقازان تېنىنىڭ ئۈستى قىسمى بولۇپ، سول تەرەپتىكى دىيافراگما مۇسكۇلىنىڭ ئاستى تەرىپىگە جايلاشقان. ئاشقازان تۈۋى ئاساسلىقى كىرگەن يېمەكلىكلەرنى ساقلايدۇ. ئاشقازان تېنى ۋە ئاشقازان كاۋىكى قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسى ياكى ئوڭ تەرىپىدىرەك بولۇپ، تاماق بوتقىسىنى ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قىسىمدۇر. ئاشقازان تېنى ئاشقازاننىڭ ئەڭ چوڭ قىسمى بولۇپ، ئاشقازان تۈۋى بىلەن ئوخشاشلا ھىدروخلورىد ۋە ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئاشقازاننىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش رايونى ئاشقازان چوڭ ئەگىمىدە بولۇپ، ئاشقازاننى لۆمۈلدىتىدىغان ئىمپۇلس مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. 

 
  ئاشقازاننىڭ ئاساسلىق 5 ئىقتىدارى بار:
1. يېگەن يېمەكلىكلەرنى ساقلاش؛ 2. يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ھەمدە ئېزىش ( مېخانىك ھەزىم قىلىش )؛ 3. يېمەكلىكلەرنى خىمىيەلىك پارچىلاش ( خىمىيەلىك ھەزىم قىلىش )؛ 4. يەپ سالغان مىكرو ئورگانىزملارنى يوقىتىش؛ 5. ئاشقازانغا كىرگەن نەرسىلەرنى كونترول قىلىپ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە ھەيدەپ چىقىرىش.
  نورمال قۇرامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭ ئاشقازىنى بىر سوتكىدا 1500 ~ 1000 مىللىلىتىر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. نورمال ئاچ قورساق ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەخمىنەن 50 ~ 30 مىللىلىتىر بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەيدىشىگە 6 ~ 3 سائەت كېتىدۇ. ئاشقازان ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىدارى قوچۇش، لۆمۈلدەش ۋە كېڭىيىش- يىغىلىشتىن ئىبارەت 3 خىل بولىدۇ. نورمال ئاشقازان دىۋارىدا رىتىملىق لۆمۈلدىگەن دولقۇننى كۆرگىلى بولىدۇ. لۆمۈلدەش ئاشقازان تېنىدىن باشلىنىپ تەدرىجىي ئاشقازان تۆشۈكىگىچە يېتىپ بېرىپ، ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىز يېنىغا بارغاندا يوقاپ كېتىدۇ. ئاشقازان ھەر مىنۇتتا 6 ~ 5 قېتىم لۆمۈلدەيدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر