بۇ يىل قىشتا يۇقۇملۇق زۇكام يامرىدى، قانداق مۇداپىئەلىنىش لازىم؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يۇقۇملۇق زۇكام يامرايدىغان مەزگىلنىڭ كېلىشى بىلەن، جايلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەلىرىدە جىددىي دىياگنوز قويۇلىدىغان ۋە بالنىتسىىدا يېتىپ داۋالىنىدىغان ئاغرىقلار، ئېغىر ئاغرىقلار كۆپەيدى، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ يامرىشى جامائەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  ئۇنداقتا، ياشانغانلار، بالىلار، سوزۇلما كېسىلى بارلار قاتارلىق زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك؟
  بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋاكسىنا ئەملەش ئەڭ مۇھىم مۇداپىئەلىنىش ۋاسىتىسى. ئۇ جامائەتكە، بولۇپمۇ بالىلار، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما كېسىلى بارلار قاتارلىق زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملىتىش ئارقىلىق، يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئېغىر كېسەللەر ۋە ئەگەشمە كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى.
  فېڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە يۇقۇملۇق زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش دېگەندەك يېتەرلىك ئەمەس، ھەر يىلى بازار تەخمىنەن 26 مىليون ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بىراق ۋاكسىنا ئەملىتىدىغانلار 20 مىليون ئەتراپىدىلا بولۇۋاتىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك، بىز كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان، كۆرسىتىپ بەرگەن زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ سانى يەنىلا ناھايىتى ئاز .
  ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن باشقا مۇداپىئەلىنىش ۋاسىتىلىرى ئىچىدە، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ تارقىلىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان پەسىلدە، زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىش ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىمكان بار ئازايتىشى كېرەك. ئەگەر ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشقا توغرا كەلسە، ماسكا تاقىۋېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قولنى دائىم يۇيۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تازىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
  فېڭ زىجيەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئائىلە ئەزالىرى زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان، بولۇپمۇ قىزىپ، يۆتىلىپ قالغان مەزگىلدە، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما كېسىلى بارلار ياكى ھامىلىدار ئاياللار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
 
  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
   
 
 مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر