چىشنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئېغىز بوشلۇقى ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئۈستىدىكى كەڭ ئېچىلغان قىسمى بولۇپ، ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىش، ئوزۇقلۇقلارنى يۇمشىتىش، يۇتۇش، سېزىش ۋە ئۆزئارا سۆزلىشىش، تاۋۇش چىقىرىش، ئىپادىلەش قاتارلىقلارغا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت.
 
1. چايناش رولى: چايناش بولسا يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ، چىش ئارقىلىق يېمەكلىكنى چايناپ يۇمشىتىپ، شۆلگەيلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېمەكلىك دانچىسىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، شۆلگەيدىكى كىراخمال فېرمېنتى يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا بىرىنچى قەدەمدىكى چايناپ ئۇششاقلاپ ئاستا يۇتۇش باسقۇچلىرى يېمەكلىكنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىلا يۇمشاپ ۋە ھەزىم قىلىش فېرمېنتى بىلەن ئارىلىشىپ ھەزىم قىلىنىپ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ. چايناش جەريانىدا شەكىللەنگەن يېمەكلىك دانچىسى مېڭىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق يۇتقۇنچاققا بېرىپ رېفلېكسلىق ھالدا قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ. مانا بۇ جەريان يېمەكلىكنى يۇتۇش جەريانى دېيىلىدۇ. يۇتۇش بولسا يۇتقۇنچاق، بويۇن، يۈز قاتارلىق ھەرقايسى قىسىملاردىكى مۇسكۇللارنىڭ ئورتاق رولى ئارقىلىق تاماملىنىدۇ.
2. سۆزلىشىش رولى: سۆزلىشىش پەقەت ئىنسانلارغىلا خاس سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشىدا ئاۋاز پەردىسى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئېغىز بوشلۇقى تەلەپپۇز قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئەزا. بولۇپمۇ كالپۇك، تىل، چىش تەلەپپۇز قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئەزالاردۇر.
3. سېزىم ئىقتىدارى: ئېغىز بوشلۇقى توقۇلمىلىرىدا سېزىم قوبۇل قىلغۇچى نېرۋا ئۇچىلىرى كۆپ بولۇپ، تەم سېزىمى، تېگىشىش ۋە بېسىلىش سېزىمى، بەدەن تېمپېراتۇرا سېزىمى ۋە ئاغرىش سېزىمى قاتارلىقلارنى سېزەلەيدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا دائىم ھەيز كېلىش دەۋرىنىڭ تەسىرىدە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە كۆيۈشۈش سېزىمى كۆرۈلىدۇ.
4. ئىپادىلەش ئىقتىدارى: ئېغىز بوشلۇقى ئەتراپىدىكى ئېغىز ئايلانما مۇسكۇلى، قوۋۇز مۇسكۇلى قاتارلىق مۇسكۇللاردا قىسقىرىش ھەرىكىتى كۆرۈلگەندە، يۈز قىسمىدا كۈلۈمسىرەش، قايغۇرۇش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ھەر خىل چىراي ئىپادە ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ياشلىق دەۋرىدە چىشنىڭ تىزىلىشى رەتلىك بولغانلىقتىن، بۇرۇن- كالپۇك ئېرىقى تېيىز، يۈزى تولۇق كۆرۈنىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغاندىن كېيىن چىشلار چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئەگەر چىشنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كەتسە، بۇرۇن- كالپۇك ئېرىقى ۋە ئېڭەك- كالپۇك ئېرىقى چوڭقۇرلىشىپ، يۈزنىڭ تۆۋەنكى ئۈچتىن بىر قىسمى قىسقىرىپ، يۈز قىسمى قېرىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. ئەگەر چۈشكەن چىشلارنىڭ ئورنىغا سۈنئىي چىش سالدۇرسا، ئادەم 20 ياش ئەتراپىدا ياشىرىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر