يۈگۈرۈشنىڭ بۆرەككە زىيىنى بارمۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 26 ياشلىق بىر ئايالنىڭ كېچىدە ئۈچ سائەت يۈگۈرگەندىن كېيىن سۈيدۈكىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى بايقالغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ ئايال بۆرەك ئىقتىدارى جىددىي خاراكتېرلىك زەئىپلىشىش كېسىلى ۋە ھەرىكەتلىك توغرا يوللۇق مۇسكۇللار ئېرىپ كېتىش كېسىلى دېگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەر تارقالدى.

  يۈگۈرۈشنىڭ راستتىنلا بۆرەككە زىيىنى بارمۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ يۈگۈرۈشنى بىلمىگەنلىكىڭىزدىن كېلىپ چىققان بىر چاتاق.
  خەۋەردە دېيىلگەندەك ئاشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەرىكەت مىقدارى تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىش، ياكى تەنتەربىيە ئاساسى تازا ياخشى بولماسلىقتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، ياكى بىرەر قېتىملىق كۈچلۈك ھەرىكەت سەۋەبىدىن توغرا يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ ئېرىپ كېتىشى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئەگىشىپ، بۆرەك كىچىك نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش دېگەندەك نۇقسانلار كېلىپ چىقىدۇ، ھەمدە بۇ خىل ئېغىر دەرىجىدىكى بۆرەك زەخىملىنىشتىن بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
  يۈگۈرۈشنىڭ ئۆزى ئەسلى بىر ياخشى ئىش، ئەمما ئۇ ئەگەر سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدىكى ھالدا بولغان بولسا، ئۇنى چوقۇم سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنىڭ خاتا بولغانلىقىدىن كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
  يۈگۈرۈشنىڭ بەدەن قىزىتىشتىكى توغرا تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى كېرەك: ئاستا يۈگۈرۈش+بەدەننى دىنامىك سوزۇش+جايىدا تۇرۇپ بەدەن قىزىتىشتىن ئىبارەت. ئەمما بىۋاسىتە ھالدا ياۋايىلارچە يۈگۈرۈش بولسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت قىلغانلىقتۇر.
  يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك خاتا ئۇسۇللاردىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك: يەنى، دەرھال يۇيۇنۇش، ئولتۇرۇۋېلىپ ئارام ئېلىش ۋە كۆپ سۇ ئىچىش قاتارلىقلار. چۈنكى، بۇلار خەتەرلىك. بۇ ئۈچ خىل خاتا ئۇسۇل مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىنكى توغرا ئۇسۇل بولسا، بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، مۇسكۇللارنى سوزۇپ، مۇسكۇلنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىش. بۇ خىل ئۇسۇل سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.
 ئاچ قورساق يۈگۈرسە ئورۇقلامدۇ؟ ئورۇقلىماقچى بولغان نۇرغۇن ئادەملەر تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەلكىم قارىماققا ئۈنۈملۈك كۆرۈنىدىغان بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشى مۇمكىن. بىراق، ئاچ قورساق يۈگۈرسە، بەلكىم ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، كىشىلەر ھوشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن. يەنە كېلىپ، ئاچ قورساق يۈگۈرگەندىن كېيىن، ئىشتىھا ئېچىلىپ كېتىدۇ-دە، نەتىجىدە تېخىمۇ كۆپ كالورىيە قوبۇل قىلىنىدۇ.
 بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلمىسا، ئاۋارىچىلىك شۇ يەردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەيلى قايسى خىل تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش كەم بولسا بولمايدۇ. يۈگۈرگۈچى تېخىمۇ كۆپ كاربون سۇ بىرىكمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تۇرمۇشتا، بانان ۋە بۇغداي ئۇنى بولكىسى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش، ھەمدە ئۇنى يېمەك ـ ئىچمەككە ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر