تۇز ۋە سالامەتلىك

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   پەرىزە مۇھەممەت

  تۇزــ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا. تۇزنىڭ ئىستېمال مىقدارى ئېھتىياجدىن كەم بولسىمۇ ياكى ئارتۇق بولسىمۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نورمال ئەھۋالدا ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان تۇزىنىڭ مىقدارىنى بەش گىرام ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئاھالىلەر يېمەكلىك كۆرسەتمىسىدىمۇ كۈنىگە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك تۇزىنىڭ مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، يۇقىرى قان بېسىمى ياكى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارى بۇنىڭدىنمۇ ئاز بولۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  مۆلچەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 20 مىليوندىن ئاشىدىكەن، قۇرامىغا يەتكەن ھەر بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بار بولۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيادا يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ زىيىنىغا ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. نۇرغۇن تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتلەر ئىسپاتلىدىكى، نورمال ئادەملەر كۈندىلىك يېمەكلىكلەردىكى ئىستېمال قىلىدىغان تۇزنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازلاتسا، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن. ئەگەر يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى تۇز ئىستېمال مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازلاتسا، داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېڭە تىقىلمىسى، يۈرەك ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى ئازايتىدىكەن. خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۇز مىقدارىنى ئازايتىش تەجرىبسى ۋە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى تۇز مىقدارىنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈندىلىك يېمەكلىك تۇز ئىستېمال مىقدارىنى ئازلاتسا، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. 2011-يىلى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېمەكلىك تۇز مىقدارىنى ئازايتىپ يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، «ساغلام شەندۇڭ» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ پۈتۈن خەلقنىڭ ساغلام  تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇز ئىستېمال مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىزگىنلەپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشتى.
  بارلىق تېتىتقۇلارنىڭ بېشى ــ تۇزدۇر. ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك تۇزىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خىلورىد بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى كىسلاتا-ئىشقار مۇۋازىنىتىنىڭ ساقلىنىشى، توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنىڭ سىڭىشىش بېسىم تۇراقلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناترىي ئىيونىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر ناترىي ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنىدە ناترىي تۇزى ۋە سۇلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئايلىنىدىغان قاننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، بۆرەكنىڭ ناترىينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش رولى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ-دە، ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنلىرىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ ماس ھالدا تەسىرگە ئۇچراپ، قان بېسىمىغا ئوخشاش بىر قاتار كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى تۇزنىڭ ئىستېمال مىقدارىغا جەزمەن قاتتىق چەك قويۇشى كېرەك. يەنە بىر تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، تۇز كىراخمال ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، كىراخمالنىڭ ھەزىم بولۇش ۋە ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئىيونلانغان گىلۇكوزىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاندىكى شېكەرنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا دىيابېت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسىلى بولغان شامالدارىپ قېلىش ۋە يۈرەك قان     تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىمۇ تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭلىقلارنىڭ كۈنىگە ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى 19 گىرام ئەتراپىدا ئىكەن. شۇڭا ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارىنى مۇۋاپىق تۈردە ئازايتىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئادەتتە ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى كۆپ بولغانلار ۋە تۇزلۇقراق تاماق يېيىشكە كۆنۈپ قالغانلار، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇز مىقدارىنى بىراقلا ئالتە گىرامغا چۈشۈرسە، بەلكىم كۆنەلمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، تاماقنى بارا-بارا تۇز كەمرەك ئەتسە، ئادەممۇ ئاستا -ئاستا تۇزسىز تەمگە كۆنىدۇ. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، يېمەكلىكتىكى ناترىينىڭ مىقدارىنى يىلىغا %10 تىن ئازلاتسا، تەم سەزگۈسىدىكى ئۆزگىرىشمۇ ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمايدىكەن. شۇڭا تۇزنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ھەر بىر ئادەم تۇزنى نورمال مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنەلەيدۇ.
  ئادەتتە بىز ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىكى تۇزنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىككى بولۇپ، بىر قىسمى قورۇما قورۇغاندا كىچىك قوشۇقتا سالىدىغان دانىچە تۇزدىن كېلىدۇ، يەنە بىرى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيدىغان يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى تۇزلار بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ كۆرەلەيدىغان تۇزلاردىن كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر خالتا تەييار چۆپتىكى تۇزنىڭ مىقدارى 2.5 گىرام؛ ئىككى سەر چىلانغان كۆكتاتنىڭ تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى 11.3 گىرام؛ 50 گىرام كالا گۆشى قېزىسى ياكى توخۇ گۆشى قېزىسى يېيىش ئىككى گىرام تۇز ئىستېمال قىلغانغا باراۋەر. شۇڭا  ئورالما يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئورالما قاپ سىرتىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىب جەدۋىلىگە دىققەت قىلىش، ناترىينىڭمۇ بەدەنگە كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى تىزگىنلەش كېرەك. چۈنكى كىچىككىنە بىر قاپ بەرەڭگە  قەلەمچىسىمۇ ئادەم بەدىنىنى 200 مىللىگىرامدىن ئارتۇق ناترىي بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئۆلچەم بويىچە بولغاندا بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ناترىي مىقدارى ئىككى گىرام (يەنى 2000 مىللىگىرام) دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. لېكىن كىچىككىنە بىر قاپ بەرەڭگە قەلەمچىسىنى يېيىش بىلەنلا بىر كۈندە قوبۇل قىلىنىدىغان ناترىينىڭ ئوندىن بىرىنى يەۋەتسەك، ئارقىدىن ئۈچ ۋاخ تاماقتىمۇ ناترىينىڭ مىقدارىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلمىساق، ئۇنداقتا ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىمۇ ئېنىقلا ئېشىپ كېتىدۇ.
  تۆۋەندە بىر قىسىم يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇز ئىشلىتىش مىقدارىغا دائىر ساۋات بېرىلدى، پايدىلىنىپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
 (1) قورۇما تاماقلارغا غولپىياز، باش پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، پەمىدۇر، زەمبۇرۇغ، كۆكمۇچ، يۇمغاقسۈت، رەيھان قاتارلىق ئەسلىدىنلا تەمى ئالاھىدە بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك قوشۇپ تاماقنىڭ تەمىنى يېيىشلىك قىلغاندا، تۇزنى ئازراق سالساقمۇ بولىدۇ.
 (2) كۈندىلىك يېمەكلىك تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قارىتا تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ھەر ۋاخ تاماققا تۇز ئۆلچەش قوشۇقى قاتارلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش.
 (3) پىششىقلاپ ئىشلەنگەن  يېمەكلىكلەرنى ئىمكان بار ئاز ئىشلىتىش. مەسىلەن، سۈرلەنگەن گۆش، قاقلاپ پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، قېزا، چىلىغان كۆكتاتلار، كونسېرۋا قاتارلىقلار.
 (4) ئورالما يېمەكلىكلەرنىڭ سىرتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىب جەدۋىلىنى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئامال بار ناترىي مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
 (5 ) يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغاندا ئاق ئاچچىقسۇ، لىمون شەربىتى  قاتارلىق تېتىتقۇلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەپ، تەم خۇرۇچلىرىنى ئازراق ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى تەم خۇرۇچلىرىنىڭ تەركىبىدىمۇ مەلۇم  مىقداردا ناترىي بولىدۇ.
 (6 كۆكتات شورپىسىنى ئاز ئىچىش، بولسا ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى تۇز ئېرىيدىغان بولغاچقا، كۆكتات شورپىسىدىكى تۇزنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
 (7 قورۇما قورۇغاندا ياكى گۆش پىشۇرغاندا باشتىلا تۇز سالماي، قورۇما پىشاي دېگەندە ياكى قازاندىن ئالىدىغان ۋاقىتتا ئاندىن سېلىش لازىم. بۇنداق بولغاندا تۇزنى ئازراق سالساقمۇ قورۇمىغا تەم كىرىدۇ.
 (8 تۇز ئۆلچەش قوشۇقى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش لازىم. قورۇمىنى ئادەم سانىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا قورۇش، ھەر ۋاخ تاماقتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇزنىڭ مىقدارى ئىككى گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىدە
مۇھەررىر: بېلىقىز ئابلىكىم
شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر