سۈت چىش ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە سۈت چىشى ۋە تۇراقلىق چىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل چىش بولىدۇ. بالىلارنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە يەنە سۈت چىشى ۋە ياش تۇراقلىق چىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. سۈت چىش بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتە ئاي ئەتراپىدا چىقىشقا باشلاپ، ئىككى يېرىم ياش ئەتراپىدا ئۈزلۈكسىز چىقىپ تولۇقلىنىدۇ. سۈت چىشى بولسا كەسكۈچى سۈت چىشى، قوزۇق سۈت چىشى ۋە ئېزىق سۈت چىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئېڭەكنىڭ ھەر قايسىسىدا 10 دىن جەمئىي 20 چىش بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى- تۆۋەنكى ئېڭەكنىڭ ئوڭ-سولىغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا بەشتىن جايلىشىپ، يۇقىرى- تۆۋەنلىكى ئېڭەكنىڭ ئوڭ- سول تەرىپىنى تۆت رايونغا ئايرىپ تۇرىدۇ. ھەرقايسى رايون ئوتتۇرىدىن ئىككى تەرەپكە قاراپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئوتتۇرا كەسكۈچى سۈت چىشى، يان كەسكۈچى سۈت چىشى، قوزۇق سۈت چىشى، بىرىنچى ئېزىق سۈت چىشى ۋە ئىككىنچى ئېزىق سۈت چىشىغا بۆلۈنىدۇ. 

  13 ~ 6 ياش ئەتراپىدا سۈت چىشى ئۈزلۈكسىز چۈشۈشكە باشلاپ، تۇراقلىق چىش سۈت چىشىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلايدۇ. تۇراقلىق چىش كەسكۈچى چىشى، قوزۇق چىشى، ئالدىنقى ئېرىق چىشى ۋە ئېزىق چىشلىدىن ئىبارەت تۆت خىل بولىدۇ. يۇقىرى- تۆۋەندىكى ئېڭەكنىڭ ئوڭ- سول تەرىپىدە ئايرىم- ئايرىم ھالدا سەككىزدىن جەمئىي 32 سى بولىدۇ، ئۇلار تۆت رايونغا بۆلۈنۈپ جايلاشقان. ھەرقايسى رايوندا ئوتتۇرىدىن ئىككى تەرەپكە قاراپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئوتتۇرا كەسكۈچى چىشى، يان كەسكۈچى چىشى، قوزۇق چىشى، بىرىنچى ئالدىنقى ئېزىق چىشى، ئىككىنچى ئالدىنقى ئېزىق چىشى ۋە ئۈچىنچى ئېزىق چىشىغا بۆلۈنىدۇ. سۈت چىشى ۋە تۇراقلىق چىشلارنىڭ ئوڭ- سول تەرىپىدىكى چىشلارنىڭ تۈرلىرى ئۆزئارا تەڭداش بولغاچقا، ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئۆزئارا تەڭداش بولغان ئوخشاش ئىسىملىك چىشنىڭ ئاناتومىيە شەكلى ئوخشاش بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر