ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دائىم قۇچاقلاپ بەرسە بالىغا پايدىلىق

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە: ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى دائىم قۇچاقلاپ ۋە يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ بېرىشلىرى بالىلاردىكى ئىرسىيەت ئىپادىلىرىنىڭ ئەكس ئېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

 

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ بەدەنلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر بالىلىرىنى دائىم قۇچاقلاپ ۋە يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ بەرسە، ئۇنىڭ نەتىجىسى يەنە DNA مولېكۇلا قاتلىمىدىن بالىلارنىڭ گېنلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن.
 كانادا بىرىتانىيە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى بىر تۈر تەتقىقات نەتىجىسى ئالدىنقى ئايدا «روھىي كېسەللىكلەر ئىلىمى تەرەققىياتى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقاتتىكى ئەۋرىشكىدە، بىرىتانىيە كولۇمبىيەدىكى 94 نەپەر بەش ھەپتىلىك بولغان ساغلام بوۋاق تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تەكشۈرۈلگەن. تەتقىقاتچىلار ئۇ بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆز بوۋاقلىرى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتلىرىنى خاتىرىلەپ مېڭىشنى تەلەپ قىلغان. تۆت يىلدىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار پىلتىكىش ئارقىلىق بۇ بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئىچكى تەرەپنىڭ DNAسىنى يىغىپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، بوۋاقلارنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلىرى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشلىرى مولېكۇلا دەرىجىسى جەھەتتە بالىلارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بايقالغان.
 تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى بوۋاقلاردىكىDNA نىڭ مېتىللىشىش دەرىجىسىگە دىققەت قىلغان، چۈنكى، DNA سىرتقى شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ، بالىلىق مەزگىلىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ تەتقىقاتلار ئاساسىدا، ئالىملار مۇنداق يەكۈن چىقارغان: بالىلار ئەگەر بوۋاق مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ باشقا ئادەملەرنىڭ بەدىنى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئىچىدىكى ئىرسىيەت ئىپادىلىرىنىڭ ئەكس ئېتىشى بىر مەزگىل كېچىكىدىكەن.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
 
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر