كانايچىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە 4 چوڭ ئىقتىدارى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
1. قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاساسىي مۇداپىئە ئىقتىدارى 
  كاناي، كانايچە خۇددى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ دىۋارى شىللىق  پەردە، شىللىق پەردە ئاستىنقى قەۋىتى ۋە سىرتقى پەردىدىن تەشكىل تاپقان، ئۇنىڭ ئىچكى يۈزى شىللىق پەردىسى ساختا قوش قەۋەت تالالىق تۈكچە ئۈستۈنكى پوستى بىلەن قەدەھسىمان ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن. ساختا قوش قەۋەت تالالىق تۈكچە ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزىدىكى ساناقسىز تالالىق تۈكچىلەر بىلەن مىكرو تىۋىتلار خۇددى تاختىلانغان  بۇغدايغا ئوخشايدۇ. بۇ تۈكچىلەر ھەر ۋاقىت قانۇنىيەتلىك ھالدا بىر يۆنىلىشتە يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز بۇ كۆرۈنۈشنى ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپ بىلەن كۆزەتسىڭىز، خۇددى چەكسىز كەتكەن ئېكىنزارلىقتا بۇغدايلارنىڭ شامال يۆنىلىشىدە يەلپۈنۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. قەدەھسىمان ھۈجەيرە بىلەن كاناي، كانايچە شىللىق پەردىسى ئاستى بېزى شىلىمشىق پەردە ھاسىل قىلىدۇ. ھاۋادىكى زەررىچىلەر، مەسىلەن چاڭ- توزان، مىكروب قاتارلىقلار ھاۋا ئارقىلىق كاناي، كانايچىغا سۈمۈرۈلگەن كېيىن مۇشۇ شىللىق پەردىگە چاپلىشىپ يىغىلىپ قالىدۇ. شىلىمشىق پەردە تەركىبىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ئاقسىل، تولۇقلىغۇچ تەنچە ۋە ئېنزىم قاتارلىقلار ئىممۇنىتېتلىق مۇداپىئە قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، تالالىق تۈكچىلەر قانۇنىيەتلىك ھالدا بىر يۆنىلىشتە تەۋرىنىپ تۇرغاچقا، ئۆپكە ئاجرىتىپ چىقارغان ئاجرالمىلار بىلەن يات جىسىملار بىرىكىپ تەدرىجىي سۈرۈلۈپ بوغۇزغا يىغىلىپ، كېكىردەك ئاغزىغا كەلگەندە، كېكىردەك قىچىشىپ، ئادەم يۆتەلگەندە كېكىردەكتىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ماددا خەپرۈك دېيىلىدۇ. خەپراك تەركىبىدە مىكرو ئورگانىزملار، مەسىلەن نەپەس يولىدىكى باكتېرىيە، كېسەللىك ۋىرۇسى، چاڭ- توزان زەررىچىلىرى بولىدۇ.
 
 
  ئۇزاق مەزگىل زىيانلىق ۋە ئىس- تۈتەكنىڭ غىدىقلىشى بىلەن نەپەس يولىنىڭ تەكرار ياللۇغلىنىشى ۋە سوغۇق، قۇرغاق ھاۋانىڭ تەسىرى تۈپەيلى، كانايچە توقۇلمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تالالىق تۈكچىلەر يىگىلەپ چۈشۈش، تېرە ئۈستى ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈش قاتارلىقلار. بۇ خىل ھادىسىلەر تۈپەيلى كانايچىنىڭ كېسەللىككە پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، نەپەس يولىنىڭ تەكرار ياللۇغلىنىشىدا رولى ئىنتايىن چوڭ. 
2. غەيرىي ماددىلارنى يۇتۇش رولى 
  ئىنچىكە تالالىق تۈكچە ھۈجەيرىسى بولمىغان شاخچە كانايچىنىڭ تۆۋەندىكى قىسمىدا، ئاساسەن يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرگە تايىنىپ، غەيرىي ماددىلارنى تازىلاپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۆپكە كۆپۈكچىسىدىكى كۈچلۈك يۇتقۇچى ھۈجەيرە دائىم باكتېرىيە بىلەن توزان زەررىچىلىرىنى يۇتۇپ تازىلاپ تۇرىدۇ. يەنى توقۇلما ھۈجەيرىسى، كۆپ يادرولۇق ئاق قان ھۈجەيرىسى، يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە قاتارلىقلارمۇ يۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. نەپەس يولى شىللىق پەردىسى يۈزىدىكى شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردا نۇرغۇن لىمفا تۈگۈنچىلىرى بولۇپ، بۇ تۈگۈنچىلەر نۇرغۇن تورسىمان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن، شۇڭا بۇلارغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق باكتېرىيەلەرنى يۇتۇپ تازىلاپ ئىككىلەمچى مۇداپىئەلىك رولىنى ئوينايدۇ. 
3. ئالاھىدە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى 
  نەپەس يولى شىللىق پەردىسىنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان يېپىشقاق ماددىسى تەركىبىدە ئىممۇنىتېت ئاقسىلى (IgG، SIg )، باكتېرىيە ئېرىتكۈچى فېرمېنتى، توسالغۇ ماددا، تولغۇغۇچى تەنچە قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار باكتېرىيەنى ئېرىتىش، يوقىتىش، زەھەرلىك ماددا بىلەن كېسەللىك ۋىرۇسىنى نېيتراللاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. شۇڭا بۇ خىل ماددىلارنىڭ نەپەس يولى شىللىق پەردىسىنى ئاسراش، كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ۋە باشقا ئانتىگېنلىك ماددىلارنىڭ ئورگانىزمغا كىرىشىنى توسۇپ قېلىشتا رولى ئىنتايىن زور. نەپەس يولى شىللىق پەردىسى بىر خىل قىسمەنلىككە ئىگە ئانتىتېلانى بىرىكتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاجرىلىپ چىققان بۇ خىل ئانتىتېلا ئىممۇنىتېت ئاقسىلى A ( SIgA ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئاقسىل ئومۇمەن شىللىق پەردە يۈزىدىكى يېپىشقاق ماددا تەركىبىدە بولۇپ، بۇ خىل ماددا نەپەس يولىغا كىرگەن مىكروبلارنىڭ شىللىق پەردە يۈزىگە چاپلىشىۋېلىشىنى چەكلەش، توسۇش، يەنى مىكروب ۋە كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى چەكلىك دائىرىدە نېيتراللاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. 
4. ئاسراش خاراكتېرلىك رېفلېكس 
  مەسىلەن، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ۋە كانايچە تارىيىشى قاتارلىقلار رېفلېكسلار. بۇلار نەپەس يولىنىڭ ئېغىزى بولغان بۇرۇن بوشلۇقى، بوغۇز كانايچىسى قاتارلىق جايلاردىكى شىللىق پەردە تەسىرىگە ئۇچراپ غىدىقلانغاندا ئادەم بەدىنىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىغان نەپەس يولى رېفلېكسى. يۆتەل رېفلېكسى، نەپەس يولىغا يىغىلغان ئاجرالما بىلەن غەيرىي ماددىلارنى سىرتقا چىقىرىپ، نەپەس يولىنىڭ تازىلىقىنى ساقلاپ ۋە ئاسراپ، نەپەس يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئەمما، ئۇزاق مەزگىل يۆتىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەم ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە يەللىك ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا نەپەس يولى توقۇلمىلىرى ئېغىر زەخىملىنىپ، يۆتىلىش رېفلېكسى كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ. بۇ چاغدا نەپەس يولى شىللىق پەردە يۈزىدىكى ئاجرالمىلار ئۆپكىنىڭ ئىچكى قىسمىغا تارايدۇ. چۈشكۈرۈش رېفلېكسى بۇرۇن بوشلۇقىدىكى غىدىقلىغۇچى غەيرىي ماددىلارنى تازىلايدۇ. كانايچە تارايغاندا، نەپەس يولى كىچىكلەپ، بېسىم كۈچىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن غىدىقلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئۆپكە توقۇلمىلىرىغا كىرىپ، ئۆپكىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر