كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش 7 خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تېز كۆرۈڭ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئەتراپى قاردىۋالغانلىقىنى يەنى « مۈشۈكئېيىق كۆز » بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئادەتتە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنى كېچىسى ئۇخلىمىغانلىق ياكى ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقنىڭ « بەلگىسى» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆز ئەتراپى دائىم قاردىۋېلىشنى بەدەندىكى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا، كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش قانداق شەكىللەنگەن؟
كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، ۋېنا قان تومۇر ئىچىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان رەڭگىنىڭ تۇتۇقلىشىشى ھەمدە قاننىڭ تۇرۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، كۆز ئەتراپىدا پىگمېنت چۆكمىسى پەيدا بولۇپ، كۆز ئەتراپى قاردىۋالىدۇ.
  ئادەتتە كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنىڭ رەڭگىنى 2 خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ:
  قارا كۆك رەڭلىك كۆز ئەتراپى قارىداش: 
  چۈنكى بۇ قىل قان تومۇردىكى قاننىڭ ۋېنا قاننىڭ توختاپ قېلىشى بولۇپ، سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا، تېرە كۆك رەڭدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ دائىم خىزمەت قىلىشى ۋە دەم ئېلىشى نورمال بولمىغان كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال.
 
  چاي رەڭلىك كۆز ئەتراپى قارىداش:  چۈنكى بۇنداق ئەھۋال قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. چاي رەڭلىك كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىشنىڭ شەكىللىنىشى ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈن نۇرىغا قاقلىنىش كۆز يېشى پىگمېنتنىڭ كۆز ئەتراپىدا ئولتۇرۇۋېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
  كۆز ئەتراپى قارىداشنىڭ سەۋەبى
  كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆز ئەتراپى قارداشنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك 5 خىل بولىدۇ:
  •  تۇغما بولۇش: كۆز ئەتراپىدىكى تېرە بىر قەدەر نېپىز، قان چوڭ ۋېنا قان تومۇردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان چاغدا، تېرە سىرتقى يۈز قىسمى ئاستى تەرىپىگە يېقىن جايدا كۆك قارا رەڭلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
  • تۈنەش يەنى كېچىسى ئۇخلىماسلىق:  كۆز ئەتراپىدا قىل قان تومۇرلار بىر قەدەر كۆپ، تۈنەش قان تومۇرلارنىڭ ئۇزاققىچەجىددىي ھالەتتە تۇرۇپ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆز ئەتراپى تېرە ئاستى قان تومۇرلاردا قان قىيىپ قېلىش ۋە سۇلۇق ئىششىق، قارىلىقنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  •  قېرىش:  يېشى چوڭ كىشىلەردە، كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئاستىدىكى ياغ قاتلىمى نېپىزلىشىپ، كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ.پىگمېنتنىڭ ئولتۇرۇۋېلىشى: ئۇزاق مۇددەت گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، گىرىمنى پاكىز يۇيۇپ تازىلىۋەتمەسلىك، يەنە بىر تۈركۈم قېنىق رەڭلىك گىرىم بۇيۇملىرى قاپاقنىڭ ئىچىگە سىڭىۋېلىپ، كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  • باشقا سەۋەبلەر:  كۆز چارچاش، روھىي بېسىم بەك ئېغىر بولۇپ كېتىش، كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش، تېرە زىيادە قۇرغاق بولۇش قاتارلىقلارمۇ، كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەلداۋادىن تەكلىپ: يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆز ئەتراپى قارىدىۋالسا، ئادەتتە ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
 
 
كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش 7 خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك 
 
  ئەگەر كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش ئۇزۇنغىچە يوقىمىسا، ئۇنى بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا تۆۋەندىكى 7 خىل كېسەللىكتىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك: 
  • بۆرەك زەئىپلىشىش
  ئىپادىسى: جۈپ كۆز نۇرسىز بولۇش، كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىش.
ئەنئەنىۋى تېبابەتنىڭ قارىشىچە، كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىش بولسا بۆرەك زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ناھايىتى ئاسانلا كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشنى تىزگىنلەش، تۈنىمەسلىك، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش، كەيپىياتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
  ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرى مەسىلەن: بۆرەك ياللۇغى، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىقلار؛ يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ بولۇشى، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  •  جىگەر 
  ئاساسلىق ئىپادىلىرى: يۈز قىسمى، كۆز ئەتراپىدا پىگمېنت چۆكىۋېلىش كۆرۈلىدۇ.
ئىستاستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن %20 جىگەر كېسىلى بىمارىنىڭ ئوچۇق تۇرىدىغان جايلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ يۈز قىسمى، كۆز چانىقى ئەتراپىغا پىگمېنت چۆكۈشتىن ھاسىل بولغان « كۆز ئەتراپى قارداش» نىڭ بارلىقى، بولۇپمۇ جىگەر ئىقتىدارى ئۇزاق مەزگىل نورمال بولمىغان، جىگەر چوڭىيىپ كەتكەنلەردە، كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى بايقالغان. 
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: داۋالاش ئۇسۇلىدا، يېمەكلىك بىلەن ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىنىدۇ. جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ۋىتامىن، مول ئاقسىللىق ئوزۇقلۇقنى يېتەرلىك قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، زىيانغا ئۇچرىغان جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.
  • سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى
  ئىپادىسى: كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىش بىر قەدەر قېنىق، سۇس كۆك رەڭدە بولۇپ، دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولۇش.
ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بىمارلىرىدا ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، ئاشقازان ياللۇغى تەكرار قوزغىلىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. نېرۋا ئاجىزلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن ئىچكى ئەزا كېسەللىكلىرى، بولۇپمۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بار ئادەمدە كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش كۆرۈلىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مۇۋاپىق بولغان يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، ئىمكانقەدەر ئاشقازان -ئۈچەينى زىيادە غىدىقلايدىغان، زىيادە قاتتىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
  • رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى
  ئىپادىسى: كۆز چانىقى ئەتراپى بولۇپمۇ تۆۋەنكى قاپاق كۆز خالتىسىنىڭ رەڭگى تۇتۇق كۈل رەڭ بولۇش.
رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بار ئادەمدە، بۇرۇن، كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى زىيادە سەزگۈر بولغاچقا، سۇلۇق ئىششىق ۋە ۋېنا قان تومۇر قايتىش ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: داۋالاشتىن باشقا، ئامال بار ئىسلىق مۇھىتتا تۇرماسلىق، بۇرۇننىڭ زىيادە غىدىقلىنىشىدىن ساقلىنىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەتىگەن كەچلىكى سوغۇق ھاۋانىڭ كاناينى غىدىقلىشىدىن پەيدا بولىدىغان رېئاكسىيەلىك چۈشكۈرۈشتىن ساقلىنىش؛ چۈشكۈرگەندە ھەرگىز كۈچىمەسلىك، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا تېرىدىكى قىل قان تومۇرنى بېسىۋالىدۇ.
  • ھەيز قالايمىقانلىشىش (نورمالسىزلىقى )
  ئىپادىسى: كۆز ئەتراپىدىكى قارا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش
كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ياكى ھەيز قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، ھەيز تەرتىپسىزلىنىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بولسا قاندا يەل تۇرۇۋېلىپ، قان ھەرىكىتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىش قاننىڭ ئايلىنىشىنىڭ رىتىمسىزلىقىنىڭ يۈز قىسمىدىكى ئىپادىسى. ئۇندىن باشقا، ھەيز مىقدارى بەك كۆپ ياكى بالىياتقۇ فۇنكسىيەلىك قاناش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللاردا، ئاسانلا كۆز ئەراپى قاردىۋېلىش كۆرۈلىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش، ھەيز ئۇزاققىچە تەڭشەلمىسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
 
  • كۆز كېسەللىكلىرى 

  مەسىلەن: قاپاق تېرىسىدىكى مايلىق تېرە ياللۇغى، قارىيىش كېسىلى، قاپاق قىسمى نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، تېرە مۇسكۇل ياللۇغى ياكى قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پىگمېنت چۆكۈپ قالىدۇ.

  • يۈرەك كېسىلى 
  ئەگەر كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرىكى پات-پات سانجىىپ ئاغرىسا، نەپەس ئېلىش قىيىنلاشسا، ھەرگىز بوشاڭلىق قىلماستىن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، يۈرەك قان تومۇرنى تەكشۈرتۈش ۋە لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش قىلىش، يۈرەك مۇسكۇل يوغىناش ئەھۋالى بار-يوقلىقىنى كۆزىتىپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش لازىم.
 
  ئەمەلىيەتتە، ھەممەيلەن دېگۈدەك ئازدۇر-كۆپتۇر كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىش ئەھۋالىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ قايسى تۈردىكى كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغاندىلا، ناھايىتى ئوڭايلا « مۈشۈكئېيىق كۆز » بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئەگەر مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنى يەنىلا ئادەتتىكى تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشتى
----------------------
كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟ 
 
  ئەلداۋادىن بىرقانچە شىپالىق رېتسېپ:
  ئالمىنى نېپىز توغراپ، كۆزگە 15 مىنۇت چاپلاش، داكىنى قېتىققا چىلاپ، كۆزگە 15 مىنۇت قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار كۆز ئەتراپى قارداشنى يوقىتىشقا پايدىلىق. تۇخۇمنى پىشۇرۇپ شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، كىچىك لۆڭگىگە ئوراپ كۆز ئەتراپىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، كۆز ئەتراپىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، كۆز ئەتراپىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق.
  ئۇنىڭدىن باشقا يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن كۆز ئەتراپىغا ھەسەل سۈرۈپ بىر قانچە مىنۇت  ئۇۋۇلاپ، ھەسەلنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئون مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، يۈزنى پاكىز سۇدا يۇيۇۋېتىپ، يۈز ئاسراش مەلھىمى ياكى كۆز ئاسراش مەلھىمىنى سۈرتۈۋالسىمۇ كۆز ئەتراپى قارىداشنى يوقىتىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
 
1.تېز سۈرئەتتە ياخشىلاش ئۇسۇلى 
  مۇزدەك قوشۇق ياكى مۇز خالتىسى ئارقىلىق سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۆز قىسمىدىكى ئىششىقنى ياندۇرۇش.
ئاۋۋال يېتەرلىك مىقداردا كۆز مەلھىمى سۈركەپ، كۆز گىرۋىكىدىن باشلاپ كۆز قۇيرۇقىغا، ئەڭ ئاخىرىدا چېكە قىسمىنى يېنىك ئۇۋۇلاش.
ئىككى بولاق چاينى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، ئاندىن ئۇ سوۋۇغاندىن كېيىن كۆزگە چاپلاش. چۈنكى چاي تەركىبىدىكى كوفېئىن قان تومۇرنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىششىق ياندۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق كۆز ئالدى قاردىۋېلىشنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
2. كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش
  كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنى يوقىتىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن تەڭشەش كېرەك. ئادەتتە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش، بەدەننىڭ مېتابولىزم ئايلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بەدەن ئىچىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاپ، پىگمېنت شەكىللىنىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
يېمەك-ئىچمەكنى تەكشى تەڭشەش كېرەك. تەركىبىدە ۋىتامىن  ،  بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش. مەسىلەن: سۈت، تۇخۇم، بىر قىسىم ياخشى تاماق تىزىملىكىدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. پەمىدۇر، سەۋزە، چىلان، ئالقات، جىگەر شورپىسى قاتارلىقلارنىڭ كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىشنى يوقىتىشقا پايدىلىق.
  • كېچىچە تۈنەپ چىقماڭ
  كۆپ قىسىم كىشىلەردىكى كۆز ئەتراپى قاردىۋېلىشنى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەڭ ياخشى ئامال بولسا بالدۇر ئۇخلاش، پەقەت ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي كۆز ئەتراپى قارىدىۋېلىشنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، يانچە ياكى دۈم يېتىپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئوڭدا يېتىپ ئۇخلاش ئەڭ ياخشى قىياپەت.
  • تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ
ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى بار كىشىلەرنىڭ تېرىسى ئاسان قېرىپ كېتىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نىكوتىن سىزنىڭ ئۇخلاش ئەندىزىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن. ھاراقنى كۆپ ئىچمەڭ، چۈنكى ئىسپىرت سۇ تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  • كۆزنى ئاپتاپتىن ساقلاش
  كۆز ئەتراپىغا پىگمېنت ئولتۇرۇپ قېلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، كۆز ئەتراپىغا ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى سۈركەشنى ئۇنۇتماڭ. ياز پەسلىدە كۈن نۇرىدىن ساقلاش كۆزئەينىكىنى تاقىغاندا، كۆز ئەتراپىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ھالدا مۇداپىئە قىلغىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر