ئۈچ خىل ئەھۋالدا كەمپۈت يېسە پايدىلىق

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن دىيابېت بىمارلىرى «شېكەر» دېگەن گەپنى ئاڭلىسىلا چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھاجىتى يوق.بەزىدە قەنت ئىنتايىن پايدىلىق. ئالدى بىلەن بۇ يەردە ئېيتىلغان «شېكەر» دېگەن ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر. «شېكەر» مونوساخارىد (ئاددىي قەنت)، دىساخارىد (قوش قەنت) ۋە پولىساخارىد (كۆپ قەنت) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. مونوساخارىد بولسا مېۋە شېكىرى، گىلۇكوزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ پايدىلىنالايدىغان قەنتلەردۇر، بۇ خىل قەنتلەر قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتەلەيدۇ؛ دىساخارىد بولسا مالتوزا، ساخاروزا، لاكتوزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پولىساخارىد بولسا گۈرۈچ تامىقى، مانتا، ئۈگرە قاتارلىقلار تەركىبىدىكى كىراخمالنى كۆرسىتىدۇ. پولىساخارىد تۈرىدىكى كىراخماللار كىراخمال ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە ئاندىن گىلۇكوزىنى ئاساس قىلغان مونوساخارىدقا پارچىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنىشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن قان قەنتىنى ئۆرلىتىش رولىمۇ ئاددىي قەنتلەردىن ئاستا بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئەھۋالدا دىيابېت بىمارلىرى بىرئاز مونوساخارىدلارنى يەپ قويۇشىنىڭ ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار.

  بىرىنچى: قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندە. قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش زىيانلىق، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش تېخىمۇ خەتەرلىك، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئۇزۇن مۇددەت ئىنسۇلىن بىلەن داۋالانغان ھەمدە قان شېكىرىنى بەك قاتتىق كونترول قىلغان دىيابېت بىمارلىرىدا ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ. ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بولسا، دەرھال شېكەر سۈيى ئىچىش ياكى شېكەر پارچىلىرى يېيىشتۇر. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئۆز يېنىدا ئازراق كەمپۈت ئېلىپ يۈرۈشى ئىنتايىن زۆرۈر. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، α- گىلۇكوزىد فېرمېنتى تورمۇزلىغۇچى تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچىدىغان دىيابېت بىمارلىرى قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندە چوقۇم شېكەر سۈيى ئىچىشى كېرەك.
  ئىككىنچى: تەنھەرىكەت قىلغاندا. دىيابېت بىمارلىرى ئەگەر قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغاندا، قان شېكىرى تۆۋەنلەش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن ياكى ھەرىكەت جەريانىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئازراق كەمپۈت يەپ بەرسە ناھايىتى پايدىلىق، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنە مېۋە شىرنىسى قاتارلىق تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ.
  ئۈچىنچى: قۇسقاندا ياكى ئىچى سۈرۈپ قالغاندا. ياشانغان ياكى كېسەللىك تارىخى ئۇزۇن بولغان دىيابېت بىمارلىرىدا كۆپىنچە دىيابېت كېسىلى ئاشقازان-ئۈچەي نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنداقلاردا ئاسانلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش پەيدا بولۇپ، ئىچى سۈرۈش ياكى قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، دىيابېت بىمارلىرى مۇئەييەن مىقداردىكى شېكەر-تۇز سۈيى ئىچكەندە، ئىسسىقلىق تولۇقلاپ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۇسىزلىنىش ۋە ئېلېكتىرولىت تەرتىپسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەي يولىنى قوغدايدۇ. ئەلۋەتتە، ئىچى سۈرگەندە چوقۇم كېسەللىك سەۋەبىنى توغرا تېپىپ، كېسەلگە قاراپ ئىش كۆرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك. (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شوۋگاڭ دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گوڭ شيوڭخۇي)
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر