تۆۋەندىكىدەك بەش خىل يېمەكلىك جىگەرگە ئەڭ پايدىلىق

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى زەھەر تازىلىغۇچى ئەڭ چوڭ ئەزا بولۇپ، جىگەر ساغلام بولسا، كېكىرىش، قورساق كۈپۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساغلام جىگەرنىڭ قان شېكىرىنى تەڭشەشتەك مۇھىم رولى بار. تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل يېمەكلىك جىگەرگە ئەڭ پايدىلىق.

 
  1. كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار
 بۇ كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىلار، فلاۋونلۇق بىرىكمىلەر، كارتېنوئىد، سۇلفورافېن ۋە ئىندول بار بولۇپ، ئۇلار جىگەرنىڭ ھەر خىل خىمىيەلىك زەھەرلىك ماددىلارنى ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى پارچىلىشىغا ئۇنىۋېرسال ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار كاللەك سەي، يېسسىۋېلەك ۋە تۇرۇپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
  2. دېڭىز يۈسۈنلىرى
  خەيدەي، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىق تۈرىدىكىلەر جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئادەم بەدىنىنى كادمىي قاتارلىق زەھەرلىك ئېغىر مېتاللار ۋە باشقا مۇھىت توكسىنىنى قوبۇل قىلىشىدىن ساقلايدۇ. كانادا مەگىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، قوڭۇر يۈسۈن تەركىبىدىكى بىرىكمىلەر سۆڭەكنىڭ رادىيوئاكتىپ زەررىچىلەرنى سۈمۈرۈشىنى ئازايتىدىكەن.
  3. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى
  پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدە ھەر خىل ئېنزىملار مول بولۇپ، ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  4. تەركىبىدە گۈڭگۈرت بىرىكمىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر
  باشپىياز، سامساق، غولپىياز قاتارلىق تەركىبىدە گۈڭگۈرت بىرىكمىسى مول بولغان كۆكتاتلار، جىگەرنىڭ گىلۇتاتىئون ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى نېيتراللاشتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
 
  5. شىرنىلىك مېۋىلەر
  مالىنا، بۆلجۈرگەن قاتارلىق شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن، كۆپ فېنول قاتارلىق ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلار مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتا كۈچلۈك دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولغان رولىغا ئىگە. بۇ خىل يېمەكلىكلەر جىگەرنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىپ، ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئەركىن رادىكاللاردىن ۋە ئوكسىدلىنىش جىددىيلىشىش رېئاكسىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن قوغدايدۇ.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر