خانىم-قىزلار قايسى ياشتا قايسى خىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشى كېرەك؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خانىم-قىزلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ساپاسى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. خانىم-قىزلار دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىغا، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى. ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. ئەمما، نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلاردا ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسى، ساغلاملىقىغا سەل قاراش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر. بەزى خانىم-قىزلىرىمىز نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ ئېسىل كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىشقا رازى بولسىمۇ، نەچچە ئون، نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ يىلدا بىرەر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشكە قىيمايدۇ. ئاخىرىدا، كۈتمىگەن كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، نەچچە ئونمىڭ يۈەن خەجلەپمۇ كېسەللىك چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايدۇ. خانىم-قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ھەربىر ئائىلىنىڭ بەختى. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ھەرۋاقىت كەڭ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تەنلىرىنىڭ ساغلام، چېھرىنىڭ گۈزەل، روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتكۈل جەمئىيەتنى خانىم-قىزلار ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. قېنى دوستۇم، بۇ ئۇچۇرنى بارچە خانىم-قىزلىرىمىزغا يوللاپ بېرەيلى! 
خانىم-قىزلار ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدا قايسى خىل سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قىلىشى كېرەك؟
 
20 ياشتىن كېيىن ~
1. سالامەتلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈتۈش
  40 ~21 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە، ئاز دېگەندىمۇ ھەر 5 يىلدا 1 قېتىم سالامەتلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈتۈش، 40 ياشتىن كېيىن، ھەر يىلى 1 قېتىم سالامەتلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈتۈش كېرەك. تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئاساسەن قاندىكى قەنت مىقدارى، قاندىكى ماي مىقدارى، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. بالىياتقۇ بوينى راكىنى تەكشۈرۈش ( تاسقاپ تەكشۈرۈش)
  بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان كۆپ كۆرۈلىدىغان راك كېسىلى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 130 مىڭ ئايال بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن. 
  بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى HPV ( ئەمچەك توپچىسىمان ۋىرۇسى ) نى  تەكشۈرۈش، TCT تەكشۈرتۈش ( بالىياتقۇ بوينىنى ھۈجەيرە ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش، بىر قەدەر ئەنئەنىۋى پاستېر سۇۋالمىسىدا تەكشۈرۈش قىلسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاللاپ تەكشۈرتۈش قىلغاندا، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالامەتلىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق كېسەللىكنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاپ، ساقىيىش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: 21 ياشتىن باشلاپ ھەر يىلى 1 قېتىم تەكشۈرۈش. 30 ياشقا كىرگەندە، ئەگەر 3 قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال بولسا، 65 ياشتىن بۇرۇن ھەر 3 يىلدا 1 قېتىم تەكشۈرۈش قىلسىلا بولىدۇ.
3. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش
  ئامېرىكىدا ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن جىنسىي كېسەل بىمارلىرى تەخمىنەن 19 مىليون، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، تەڭدىن تولىسىنىڭ يېشى 24 ~ 15 ياش ئەتراپىدا ئىكەن. جىنسىي كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، بەزى قىز-ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەلداۋادىن تەكلىپ: جىنسىي ھەۋىسى يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى ھەر يىلى بىر قېتىم HIV ،خىلامىدىيە ۋە سۆزنەك تەكشۈرۈشى قىلىشى كېرەك.
4.تېرە كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش
  يامان سۈپەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، تېرە ئۆسمىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تېرە ۋە تېرە شىللىق پەردىسى، مېڭە يۇمشاق پەردىسى ۋە قان تومۇر پەردىسى ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: جەمەتىدە قارا پىگمېنت كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر ھەر يىلى 1 قېتىم تېرە راكىغا قارىتا تەكشۈرۈش قىلىشى كېرەك.
 
30 ياشتىن كېيىن ~ 
5. ئەمچەك راكىنى ( HPV ) تەكشۈرۈش
  تەخمىنەن 30 ياشتىن باشلاپ، ئاياللارنىڭ ئىمونىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، ئاسانلا HPV ( ئەمچەك توپچىسىمان ۋىرۇسى ) بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى.
HPV يۇقۇمى بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇپ قېلىشتىكى زۆرۈر ئامىل. كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ئۇرغۇپ تۇرغان مەلۇم بىر ۋاقىتتا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان بولىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: 30 ياشتىن باشلاپ HPV نى تەكشۈرۈش، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال بولسا، كېيىن ھەر 3 يىلدا 1 قېتىم تەكشۈرۈش لازىم. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان بالىياتقۇ بوينى راكىنى تەكشۈرۈشتىكى ئالتۇن ئۆلچەم بولسا پاستېر سۇۋالمىسى ۋە  HPV نى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقىغىلى بولىدۇ.
6. قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈش
  قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈش بولسا، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى بالدۇر بايقاشقا پايدىلىق. ئەگەر سىزدە دائىم ئۇسساش، ھالسىراش، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، قان قەنتىنى ئۆلچەش كېرەك. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. 
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: 30 ياشتىن كېيىن ھەر 3 يىلدا 1 قېتىم قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈش، 50 ياشتىن كېيىن چوقۇم ھەر يىلى 1 قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك.
7. قاندىكى ماي مىقدارىنى تەكشۈرۈش
 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ھەر يىلى قاندىكى ماي تەركىبىنى تەكشۈرۈش كېرەك. تاماكا چېكىدىغان ۋە يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى جەمەت تارىخى بارلار، قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك.
 
50 ياشتىن كېيىن ~ 
8. ئەمچەكنى رېنتىگىندا تەكشۈرۈش
  سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلاپ بارىدۇ، 59 ~ 50 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللار ئىچىدە، سۈت بېزى راكى بولۇش نىسبىتى %2 بولىدۇ. 69 ~ 60 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللار ئىچىدە، سۈت بېزى راكى بولۇش نىسبىتى %3 بولىدۇ.
  ئەلداۋادىن تەكلىپ: ھەر 2 يىلدا 2 قېتىم ئەمچەكنى رېنتىگىندا تەكشۈرۈش، سۈت بېزى راكى ئائىلە كېسەللىك تارىخى بارلار، 40 ياشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش. ئەگەر ئەمچىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، سىرتقى شەكلى ئۆزگىرىش بولسا ياكى مونەكچە پەيدابولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.
9. ئۈچەي ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈش
  ئۈچەي راكىنىڭ 50 ۋە 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشنى 50 ياشتىن باشلاش، كېيىنكى ھەر 10 يىلدا 1 قېتىم تەكشۈرۈش  ئۈچەيدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى  بىلىشتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدىكەن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر