جىغان تەركىبىدىكى فلاۋون ماددىسىنىڭ 5 تۈرلۈك شىپالىق رولى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 

[ ئاتىلىشى ] فىلاۋون
[ باشقا ئىسمى ] سېرىق كېتون
[مەنبەسى ] جىغان -جىگدە ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق چاتقال ياكى غوللۇق ئۆسۈملۈك.
[فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ] سېرىق ياكى قوڭۇر سېرىق رەڭلىك، پۇراقسىز تەمىنلەش سەل ئاچچىق، ئۇ ئېتىل ئالكوھول، ئېتىل قاتارلىق ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە ئاسان ئېرىيدۇ،   ئىشقارلىق سۇ ئېرىتمىسىدە ئازراق ئېرىيدۇ. سۇدا ئېرىمەيدۇ.
[دورىلىق ئۈنۈمى ] يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىش. قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش. ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، تاماق سىڭمەسلىكتىن قورساق ئاغرىش، ئىچكى زەخىمدىن قان ئۇيۇشنى يوقىتىپ بۆرەكنىڭ مۇئەننەس قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. جىغان فلاۋونىنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىنى داۋالاشتا، ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى.
جىغان فىلاۋون تەركىبىدە گېلوكوزا، كېۋېرتىسېتىن، ئىسورخامنېتىن ۋە گىلىكوزىدنى سىئانىت فىنوللاردىن قاتارلىق ئاكتىپ تەركىبلەر بار. جىغان فلاۋوننىڭ ئاساسلىق رولى تۆۋەندىكىچە:
1. قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ، قان زەردابىدىكى قان ماددىسى ۋە جىگەردىكى ماينى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ.
  جىغاندىكى سېرىق كېتون ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوكسىدلىنىشنى تورمۇزلاپ، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ھاسىل قىلىدۇ. يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشى ۋە لېتسىتىن خولېستېرىن ئاتسىلازانىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغاچ ئاقسىلى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ كۆپەيتىپ، قاندىكى ماينى ئازايتىدۇ.
2. مېڭە قان تومۇرىنى راۋانلاشتۇرۇش.
 جىغان فلاۋونى قاندا تومۇر دىۋارىغا چۆكمە بولۇپ قالغان مايلارنى ئايرىشقا قاتنىشىدۇ. خولېستېرول ۋە ئارتېرىيە ئېلاستىك ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان قان تومۇر دىۋارى قېلىنلاش، چۈرۈكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
3. ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىغا قارشى تۇرىدۇ.
  يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياشانغانلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. تېنىدىكى ئەركىن رادىكال يىلدىن-يىلغا كۆپىيىدۇ. تەن ئىچىدە ۋە قاندىكى زىيادە ئوكسىدلانغان ياغلار كۆپىيىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ بارىدۇ. قان يېغى بەك يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە، قان تومۇر دىۋارىدا ئاسانلا بوتقىسىمان قېتىشىش پەيدا بولىدۇ . جىغان تەركىبىدىكى سېرىق كېتون ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا بولۇپ سۈپىتى بىلەن قاندىكى ئەركىن رادىكالنى تازىلاش، تورمۇزلاش رولىنى ئويناپ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ قان تومۇر دىۋارىنى چىرىتىشىنى ۋە زەخىملەندۈرىشىنى ئازايتىدۇ.
4. جىغان فىلاۋونى بىلەن يۈرەك
  تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، جىغان فلاۋونى قان ئېقىمى دىنامىكىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جىغان فلاۋونى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ تارىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، پومپا كۈچى، ئەتراپتىكى قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكلىق كۈچىنى كۈچەيتىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ كۆلىمىنى ئازايتىش ۋە تۈگىتىش رولىغا ئىگە. جىغان فلاۋونى يەنە يۈرەك سانجىقىنى داۋالاپ ساقايتىش، يۈرەكنىڭ قىسقىراش ۋە كېڭىيىشىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش ۋە يۈرەك رېتىمسىزلىقىغا قارشى رولى بار.يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئەگەشمىسى يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنى ئۈنۈملۈك داۋالاش رولى بار.
5. جىغان فلاۋونى ۋە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى
  جىغان فلاۋونى ئارقىلىق قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، خولېستېرىن، تىرىگلىتسېرىد، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى، پلاستىنكلىرىنىڭ يىغىلىشى، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنى توسۇش جەھەتتىكى داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشنى ئازايتىش قاتارلىق ئۈنۈم ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا « چولپان » دەپ ئاتالغان جىغان  ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدىكى ساغلاملىق يېمەكلىكى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر