پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

ھاۋا سوغۇق مەزگىلدە كۆپىنچە كىشىلەر پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، پۇت، قول مۇزلاشنى يەڭگىللىتىدۇ.
پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرى بار:
1. قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، پۇت، قول مۇزلاشنى يەڭگىللىتىدۇ.
2. ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. پۇت قىسمىدا پەللە، كۆرۈنمەس تومۇر(جىڭلو) ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، كۆرۈنمەس تومۇرلارنى غىدىقلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ.
3. ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىدۇ. پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، تۆۋەن ئالدى دۆڭچە مېڭىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇنى تەڭشەپ، ئۇخلىيالماسلىق، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلايدۇ.
4. كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش دورىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئىچكى كېسەللەرنى سىرتتىن داۋالاپ، بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى كېسەللەرنى ئاستىدىن داۋالايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشنىڭ يۇقىرىقىدەك پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بەزى بىمارلار پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، كېسىلى ئېغىرلايدۇ. تۆۋەندىكى بىمارلار پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. سوقماس تومۇر ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىپ قالغانلار. سوقماس تومۇر ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىش ئاساسلىقى قاننىڭ قايتىشى راۋان بولماسلىقتىن بولىدۇ. ئەگەر، سوقماس تومۇر ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىش كېسىلى بارلار ئۇزۇن ئۆرە تۇرۇش قاتارلىق ھارغىنلىق سەۋەبلىرىدىن پۇت، پاقالچاقلىرى ئىششىپ قالسا، ھەرگىز ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلىماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ، كېسەل ئەھۋالى ئېغىر بولغانلار ئادەتتىمۇ ھورداقخانىغا بېرىپ ھوردانماسلىق، گىرېلكىغا ئىسسىق سۇ ئېلىپ پۇتىغا قويماسلىق، يۇيۇنغاندا سۇ تېمپېراتۇرىسى ئىمكانقەدەر 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
2. سوققاق تومۇر توسۇلۇپ قالغان كىشىلەر. سوققاق تومۇر توسۇلسا، ئىسسىق سۇغا چىلاش ئارقىلىق قان تومۇرنى كېڭەيتكىلى بولمايدۇ، پۇتقا يېتىپ بارىدىغان قان مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن نورمال بولغان سوققاق تومۇردىكى قان مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇ توسۇلۇش سەۋەبىدىن قان يېتىشمىگەن توقۇلمىلارغا تېخىمۇ كۆپ دەرىجىدە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توقۇلما ئەتراپى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئوكسىگېننىڭ خورىشىمۇ كۆپىيىپ، قان بىلەن تەمىنلەش ئازىيىپ، ئېھتىياج يۇقىرىلاپ، قان يېتىشمەسلىكنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا پۇتنى كېسىۋېتىش خەۋپى كۆرۈلىدۇ.
3. زىيابىتۇس(دىيابېت) بىمارلىرى. زىيابىتۇس كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسىلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 100 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. زىيابىتۇس كېسىلى نېرۋا كېسەل(پاتولوگىيەلىك) ئۆزگىرىشى، قان تومۇر كېسەل ئۆزگىرىشى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زىيابىتۇسلۇق پۇت كېسىلى بۇ كېسەللەرنىڭ بىرى. زىيابىتۇس كېسىلى پۇت قىسىمدىكى قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى دىۋارىنى زەخىملەندۈرىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى قان تومۇرنىڭ تارىيىش، كېڭىيىشىگە تەسىر قىلمايدۇ.
نېرۋا كېسەل ئۆزگىرىشى بولغان بىمارلار ئاغرىق، سۇ تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنى سېزەلمەيدۇ. يەنى، سۇ قىزىق بولسىمۇ سېزەلمەي، ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالىدۇ. زىيابىتۇس بىمارلىرىدا كۆيۈكنىڭ ساقىيىشى ئاستا بولغاچقا، تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
زىيابىتۇس بىمارلىرى پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا ئالدى بىلەن پۇتىدا يارا بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك، ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان بولسا، ئائىلە ئەزالىرى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ بەرگەندىن كېيىن چىلاش، كۆيۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قوزغالغان بىمارلار. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىدا دائىم چوڭ بارماق ۋە پۇت دۈمبىسى، ئوشۇق بوغۇمى كېچىدە تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىش، سىرتقى قىسمى قىزىرىپ ئىششىش، قىزىش، دائىرىلىك ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزى بىمارلار كېسەل قوزغالغان ۋاقىتتا دائىرىلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئاغرىق پەسەيتمەكچى بولىدۇ، لېكىن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، ئىش ئويلىغىنىدەك بولماي، بەزى ۋاقىتلاردا جايلىق ئورۇنغا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىش، ئاغرىق كۈچىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قوزغالغان مەزگىلدە ئىمكانقەدەر يېتىپ ئارام ئېلىش، كۆپ ھەرىكەت قىلماسلىق، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر، پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاشقا توغرا كەلسە، 24 - 48 سائەتتىن كېيىن چىلىسا بولىدۇ.
5. پۇت تەمرەتكىسى قاتارلىق تېرە كېسەللىرى بىمارلىرى. ئادەتتە پۇت تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ، قىچىشىشنى توختىتىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، پۇتتىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، ئىككىلەمچى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىدۇ ھەمدە قىچىشىش ئېغىرلىشىدۇ، ھەتتا سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ، يارا بولۇپ كەتكەن پۇت تەمرەتكىسى بىمارلىرى قارىغۇلارچە پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلىماسلىقى كېرەك، بۇنىڭ زىيىنى بەك چوڭ.
  شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى  ئىسەنگۈل ئوسمان تەرجىمىسى
  مەسئۇل مۇھەررىر: سادىق مىجىت    مۇھەررىر: سەمەت ئېلى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر