ئون مىنۇت ھەرىكەت قىلىشمۇ مېڭىگە پايدىلىق ئىكەن

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادانىڭ غەربىي قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە،10 مىنۇت ھەرىكەت قىلسىمۇ، چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولىدىكەن، يەنى ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا يۈكسىلىش بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار سىناق قىلىپ، ماسلاشقۇچى پىدائىيلاردىن شۇلارنى تەلەپ قىلغان: يەنى، بەزىلەردىن 10 مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ ژۇرنال ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان، يەنە بەزىلەردىن بولسا، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ، ئوتتۇرھال دەرىجىدىكى كۈچەش بىلەن ۋە ھەتتا ئېغىر دەرىجىدىكى كۈچەش بىلەن 10 مىنۇتتىن ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن ۋە ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇ ماسلاشقۇچى پىدائىيلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ چىققان. نەتىجىدە، ھەرىكەتكە قاتناشقان پىدائىيلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا يۈكسىلىش بولغانلىقى، ئىنكاسى تېخىمۇ توغرا ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: قىسقا ۋاقىتلىق ھەرىكەتمۇ چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلاي چوققا تورىنى قوزغىتىدىكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلايدىكى بۇ رايونى ئىنساننىڭ بىلىش ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشى جەريانىدا ھالقىلىق تۈردىكى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىكەن.
  بۇ تەتقىقات دوكلاتى ئەنگلىيەنىڭ «نېرۋا پىسخولوگىيە» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى بىر سانىدا بېسىلغان. ئامېرىكا تېببىي ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ 22- دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كىشىلەر دائىم ۋېلىسىپىت مىنىپ بەرسە ياكى تېز مېڭىپ بەرسە، ۋە ياكى بۇ خىل ھەرىكەت ھەتتا پەقەت بىرلا قېتىم بولسىمۇ، كىشىلەر بۇنىڭدىن شۇ ھامان پايدىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر