ئۇيقۇنىڭ فىزىيولوگىيەلىك 2 خىل ھالىتى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋادىن سەمىڭىزگە: ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئۇيقۇنىڭ ئىككى خىل ھالىتى بولىدىكەن. ئۇيقۇ جەريانى مانا شۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىكەن. بۇ ئىككى خىل ھالەت نورمال كىشىلەرنىڭ كېچىدىكى سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇسىدا تۆت- بەش قېتىم نۆۋەتلىشىدىكەن. بۇ ئىككى خىل ئۇيقۇ توغرا قىياپەتلىك ئۇيقۇ ۋە غەيرىي قىياپەتلىك ئۇيقۇ دەپ ئاتىلىدىكەن.

  1. توغرا قىياپەتلىك ئۇيقۇ، ئاستا دولقۇنلۇق ئۇيقۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىنگلىزچە قىسقارتىلما نامى NREM ، تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم سەگەكلىكتىن مۈگدەشكە، ئۇنىڭدىن ئۇخلاش باسقۇچىغا ۋە تېخىمۇ قاتتىق ئۇخلاش باسقۇچىغا كىرىدىكەن، ئېلېكتىرو ئېنېسفالوگراممىلىق تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، مېڭىنىڭ نورمال a دولقۇنى پىششىق ئۇخلاشقا ئەگىشىپ ئازىيىپ، ئاخىر يوقايدىكەن ھەم ھەر تۆت سېكۇنتتىن ئالتە سېكۇنتقىچە بىر قېتىم ئاستا دولقۇن ۋە ھەر سېكۇنتتا 0.5~3 قېتىم يۇقىرى ئامپلۇتۇدىلىق موكىسمان ئاستا دولقۇن پەيدا بولىدىكەن. شۇڭا بۇ باسقۇچ ئاستا دولقۇنلۇق ئۇيقۇ دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ باسقۇچتا ئادەمنىڭ نەپىسى چوڭقۇرلىشىدۇ، ئاستىلايدۇ ۋە تەكشىلىشىدۇ، يۈرەك رىتىمى ئاستىلايدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار نىسبەتەن بوشىشىدۇ.

  توغرا قىياپەتلىك ئۇيقۇ- مۈگدەش، يېنىك ئۇخلاش، ئوتتۇرھال ئۇخلاش ۋە پىششىق ئۇخلاش دەپ تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتا ئەمدىلا ئۇخلىغان بولغاچقا، ئادەمنىڭ تاشقى مۇھىتقا نىسبەتەن مەلۇم ئىنكاسى بولىدۇ، شۇڭا ئوڭاي ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئويغانمىغان ھالەتتىمۇ مەلۇم ئىنكاسى بولىدۇ. بۇ خۇددى بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا مۈگدەپ قالغان بولسىمۇ، مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغانغا ئوخشاش، كېيىنكى ئىككى باسقۇچ پىششىق ئۇيقۇ باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆت باسقۇچ تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىدۇ. لېكىن، مەلۇم ئامىللار تۈپەيلىدىن، مەلۇم باسقۇچتا توختاپمۇ قالىدۇ. ئادەتتە ئويغاق ھالەتتىن ئۇيقۇنىڭ تۆت باسقۇچقىچە 80 دىن 120 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئاندىن غەيرىي قىياپەتلىك ئۇيقۇ باسقۇچىغا كىرىدۇ.

  2. غەيرىي قىياپەتلىك ئۇيقۇ تېز دولقۇنلۇق ئۇيقۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىنگلىزچە قىسقارتىلما ئاتىلىشى REM. بۇ باسقۇچتا مېڭىنىڭ ئېلېكتىرو دولقۇنى تېزلىشىپ، كۆز ئالمىسى مىنۇتىغا 50-60 قېتىم لىپىلدايدۇ، ئادەمنىڭ سەزگۈ ئىقتىدارى توغرا قىياپەتلىك ئۇيقۇدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، مۇسكۇللىرى تېخىمۇ بوشىشىپ، سىڭىرلارنىڭ رېفلېكسى يوقىلىدۇ، بۇ چاغدا قان بېسىم توغرا قىياپەتلىك ئۇيقۇدىكىدىن ئۆرلەيدۇ، نەپەس بىر ئاز تېزلىشىپ رىتىمسىزلىشىدۇ، ھارارەت ئۆرلەپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ، قىسمەن مۇسكۇللار يېنىك تارتىشىدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىشى كۆپىيىدۇ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈكنى قۇيۇلدۇرۇش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ قان مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ.
  بۇ باسقۇچتا بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، مېڭە توقۇلما ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشى ۋە سەرپ بولغان ماددىلارنىڭ تولۇقلىنىشىغا شەرت ھازىرلىنىپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال يېتىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ ھەم ئەتىسىدىكى پائالىيەتلەرگە ئېنېرگىيە توپلىنىدۇ. چۈشكۈرۈشمۇ مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بېرىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر