روھىي كەيپىيات ۋە سالامەتلىك

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋادىن ساغلاملىق تەربىيىسى : روھىي كەيپىياتنى جۇشقۇن، روھلۇق، قىزغىن ھالەتتە ساقلاش، سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  غەزەپلىنىش، چوڭقۇر ئۆچمەنلىك، ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ ئىسپازمىلىنىپ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قانىتىدۇ. ئاشقازاننىڭ كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىشى كۆپىيىپ، كىسلاتا ئاشقازان دىۋارىنىڭ شىللىق پەردىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
  كۈچلۈك تەشۋىشلىنىش ۋە ئىچ سۈرۈشلەردە نېرۋىلاردىكى فېرمېنتلار ئازىيىپ نېرۋا ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ. ئامېرىكا ئالىمىز ئىلمىي مۇنداق دەيدۇ: » ئادەم ئاچچىقلانغاندا، كۆپلىگەن زېھنىي قۇۋۋىتى خورايدۇ. بۇنىڭ دەرىجىسى ئادەم بىر قېتىم 3000 مېتىر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن قېلىشمايدۇ« دېگەن ئىدى. 
  يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەت، رايونلاردا ئاھالىسىنىڭ ئۆمرىنى بىر قېتىم ئىستاتىستىكا قىلىپ مۇنۇلارنى بايقىغان: ياپونىيە ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، ئاياللارنىڭ ئۆمرى بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبى ۋە سىرىنى سۈرۈشتۈرگەندە:» ئار-نومۇسلۇق، ئەدەپلىك ۋە كۆڭلى ئازادە « لىكىدىن بولغان ئىكەن.
  روھىي كەيپىيات ياخشى بولسا بەزى كىشىلەر داۋالانمايمۇ ياخشى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى » ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق روھىي كەيپىيات چوڭ مېڭىپ پوستلاق ماددىسىنى ۋە تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىپ ھېپوفىز بېزىنى غىدىقلاپ مۇھىم ھورمۇن فېرمېنت ئاتسېتىلخولىن خولىنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ ئاكتىپ ماددىلار قاننىڭ راۋان بولۇشىنى، ئەزالارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تەڭشەيدۇ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ«.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر