يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن گىرىم قىلغان يۈزنى يۇسا، يۈز پاكىز بولامدۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەداۋادىن گۈزەللىكىنى سۆيگۈچى خانىم -قىزلارغا تەۋسىيە: نۇرغۇن گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان خانىم-قىزلىرىمىز يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈزنى پاكىزلاش، تەر تۆشۈكچىلىرىگە كىرىپ قالغان مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاش رولىنى بولغاچقا، ئادەتتىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا يۈزنى پاكىزلاش ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىكى يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن گىرىم قىلغان يۈزنى يۇيۇپ پاكىزلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، دائىم گىرىم قىلىپ يۈرىدىغان خانىم-قىزلىرىمىز مەخسۇس گىرىم قالدۇقلىرىنى چىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى كېرەك. مەخسۇس يۈزدىكى گىرىملارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تېرىدىكى سۇدا، مايدا ئېرىيدىغان ھەرقانداق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا تېرىنى بىر قۇرۇلۇش تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا يەنە بىر قېتىم يۇغاندا، ئاندىن يۈز تېرىسىمۇ پاكىز ۋە راھەت بولىدۇ.
 
  شۇڭا. گىرىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن خانىم-قىزلىرىمىز يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال چوقۇم مەخسۇس ئىشلەنگەن گىرىم قالدۇقلىرىنى چىقىرىش مەھسۇلات بىلەن يۈزىنى بىر تازىلىۋېتىپ، بۇ ئىككىسى بىرلەشكەندىلا، ئاندىن تېرىنى ھەقىقىي پاكىزلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر