سۈت چىشى بىلەن تۇراقلىق چىشنىڭ پەرقى بىلەمسىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن ساغلاملىقنى سۆيگۈچى ئورقۇرمەنلەر سەمىگە : سۈت چىشى بىلەن تۇراقلىق چىشنىڭ رولى ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىلا ئوزۇقلۇقلارنى چايناپ يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىشلىتىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. سۈت چىشى مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە چۈشۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇراقلىق چىش چىقىدۇ، تۇراقلىق چىش بولسا بىر ئۆمۈر ئالماشمايدۇ. بالىلارنىڭ سۈت چىشى ئالمىشىش مەزگىلىدە، چۈشۈپ بولالمىغان سۈت چىشى بىلەن يېڭىدىن چىقىۋاتقان تۇراقلىق چىشلار بولىدۇ. ئادەتتە سەل دىققەت قىلمىسىلا بالىلارنىڭ سۈت چىشى بىلەن تۇراقلىق چىشىنى توغرا پەرقلەندۈرمەي، تۇراقلىق چىشنىڭ تېزرەك ھەم رەتلىك چىقىشىنى مەقسەت قىلىپ، سۈت چىشنى تارتىۋېتىمەن دەپ، تۇراقلىق چىشنى تارتىۋېتىدىغان ياكى تۇراقلىق چىشنى ئاسرىمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا ئۆمۈرلۈك چىش كەمتۈكلۈك ۋە چىش ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋالدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، سۈت چىشى بىلەن تۇراقلىق چىشنى پەرقلەندۈرۈۋېلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىچە: 

1. چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس. ئورنى ئوخشاش چىشلارنى سېلىشتۇرغاندا، سۈت چىشنىڭ چىش تاجى يېڭى ئالماشقان تۇراقلىق چىشنىڭ چىش تاجىدىن كىچىك بولىدۇ.
2. رەڭگى ئوخشاش ئەمەس. سۈت چىشىنىڭ ئېمال ماددىسى نېپىز بولۇپ، رەڭگى ئاق بولىدۇ. تۇراقلىق چىشنىڭ ئېمال ماددىسى سۈت چىشىغا قارىغاندا كالتسىيلىشىشى كۆپرەك، چىش ئەسلىي ماددىسىنىڭ رەڭگى سۈزۈك بولىدۇ.
3. شەكلى ئوخشاش ئەمەس. سۈت چىشنىڭ چىش تاجى قىسقا، يېقىن- يىراقلىق دىيامېتىرى بىرقەدەر چوڭ ھەمدە چىش تاجىنىڭ چىش بوينى تەرەپتىكى 3/1 قىسمى كۆرۈنەرلىك ھالدا سىرتقا چىقىپ تۇرغان بولۇپ، بوينى تارراق بولىدۇ. سۈت چىشىنىڭ چىش تاجى بىلەن چىش يىلتىزىنىڭ چېگراسى بىرقەدەر ئېنىق بولىدۇ. تۇراقلىق چىشنىڭ ئېنىق بولمايدۇ. 
4. ئۇپرىشى ئوخشاش ئەمەس. سۈت چىشىنىڭ ئۆسۈشى بالدۇر، كالتسىيلىشىشى ئازراق بولۇپ، ئاسانلا ئۇپرايدۇ ھەم ئۇپرىشى بىرقەدەر ئېنىق بولىدۇ. تۇراقلىق چىش سۈت چىشلارنىڭ ئورنىغا بىر- بىرلەپ ئالمىشىپ ئۆسۈپ چىققاچقا، شەكلى ئېنىق، ئۇپرىشى ئازراق بولىدۇ.
5. رېنتىگېن نۇرىدا ( X نۇرىدا ) تەكشۈرۈش ( رېنتىگېن پىليۇنكىسى ): سۈت چىشى يىلتىزىنىڭ شاخلىنىشى چوڭ، يىلتىزى فىزىيولوگىيەلىك سۈمۈرۈلىدۇ ھەمدە ئاستىدا ئۆسۈۋاتقان تۇراقلىق چىش بولىدۇ. 
 ئەلداۋادىن ئاتا-ئانىلار تەۋسىيە:  سۈت چىشىنىڭ يىلىك بوشلۇقى تۇراقلىق چىشقا قارىغاندا چوڭ، يىلتىزى توم بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار سۈت چىشى بىلەن تۇراقلىق چىشنى ياخشى پەرقلەندۈرۈشى، تۇراقلىق چىشنى تارتقۇزۇۋەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بالىلارنىڭ مەڭگۈلۈك چىش كەمتۈكلۈكى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر