بويۇننىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋادىن ساغلاملىق بىلىمى:  بويۇن- ئورمۇرتقا تېنى ( بويۇن ئومۇرتقىسى )، ئورمۇرتقا تېنى ئارىلىقى تۇتىشىش قۇرۇلمىسى ( تالالىق ھالقا، يىلىك يادورسى، ئالدى-كەينى تىك تارىمۇشى، ئومۇرتقا يان مۇسكۇلى قاتارلىقلار )، ئورمۇرتقا نەيچىسى ئىچىدىكى يۇلۇن قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقىسى 
   بويۇن ئومۇرتقىسى سىلىندىرسىمان سۆڭەكلەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە قۇرۇلمىلارنىڭ بىر-بىرلەپ تۇتىشىشىدىن شەكىللەنگەن بىر پۈتۈن سىلىندىرسىمان قۇرۇلمىدۇر. ئۇ باش سۆڭىكىنىڭ ئېغىرلىقىنى تىرەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە پۇراش سەزگۈسىنىڭ غىدىقلىنىش ئىنكاسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن چوڭ دائىرىلىك ھەرىكەتچانلىققا ئىگە بولىدۇ. بويۇن باش بىلەن گەۋدە ئارىسىغا جايلاشقان ئىنچىكە ئەزا بولۇپ، مۇھىم توقۇلما ئەزالار ئۇنىڭغا مەركەزلەشكەن. قۇرۇلما جەھەتتە ئادەم تېنىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئورمۇتقا تۈۋرۈكىدىكى ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى چوڭراق بولىدىغان، شۇنداقلا ئومۇرتقا تۈۋرۈكىدىكى چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئەڭ بالدۇر يۈز بېرىدىغان ئورۇن. 
   1-،2- بويۇن ئومۇرتقىلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ شەكلى ئومۇمەن تىپىك ئورمۇرتقا سۆڭىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. تىپىك ئومۇرتقا سۆڭىكى ئالدى تەرەپتىكى ئورمۇرتقا تېنى بىلەن ئارقا تەرەپتىكى ئومۇرتقا يايىدىن تۈزۈلگەن. ئومۇرتقا تېنى ۋە ئومۇرتقا يايى بىر تۆشۈكنى  ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ ئومۇرتقا تۆشۈكى دېيىلىدۇ. ئومۇرتقا تۆشۈكلىرى ئۆز ئارا ئۇلىنىپ كاناي  شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئومۇرتقا كانىلى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭغا يۇلۇن، نېرۋا يىلتىزى ۋە ئۇنىڭ پەردىسى سىغىدۇ. ئومۇرتقا تېنى قىسقا سىلىندىرسىمان بولۇپ، ئوتتۇرىسى سەل ئىنچىكە، ئاستى-ئۈستى ئىككى تەرىپى چوڭراق بولىدۇ. ئالدى يۈزى تومپىيىپ چىققان، تىك يۈزى ئازراق ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئارقا توغرا يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، تىك يۈزى تۈز، مەركىزىي قىسىمدا ئوزۇقلاندۇرغۇچى قان تومۇر ئۆتۈشىدىغان تار تۆشۈك بولىدۇ. ئومۇرتقا يايى ياي شەكىللىك بولۇپ، بىر جۈپ ئومۇرتقا يايى يىلتىزى، بىر جۈپ ئومۇرتقا تاختىسى، 4 بوغۇم ئۆسۈكچىسى، 2 ئۆسۈكچە ۋە بىر قىرلىق ئۆسۈكچە قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن.
  ئومۇرتقا يايى يىلتىزىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى گىرۋىكىدە بىردىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن جاي بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇرتقا ئۈستۈن ئويۇقى ۋە ئومۇرتقا ئاستىن ئويۇقى دېيىلىدۇ. قوشنا ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ گىرۋىكىدىكى ئاستى-ئۈستى ئىيۇنلىرى بىر تۆشۈكنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يۇلۇن نېرۋىسىنىڭ يىلتىزى، يۇلۇن نېرۋا تۈگۈنى ۋە يۇلۇن پەردىسى ھەمدە قان تومۇرلار ئۆتىدۇ. ئومۇرتقا تاختىسى ئومۇرتقا يايىنىڭ ئارقىسىدىكى تاختىسىمان بۆلەك بولۇپ، قوشنا ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىدىكى ئومۇرتقا تاختىسى ئارىسىدا سېرىق تارىمۇش بار. قىرلىق ئۆسۈكچە ئومۇرتقا يايى ئارقا تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. ئىككى تەرىپىدىكى ئومۇرتقا تاختىسى تۇتىشىدىغان قىسمىدىكى ئۆسۈكچە ئارقا تۆۋەندىكى تەرىپىدىن چىقىپ، مۇسكۇل ۋە پەيگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. بوغۇم ئۆسۈكچىسى 4 دانە بولۇپ، ھەربىر تەرىپىدە يۇقىرىغا قارىغان ۋە تۆۋەنگە قارىغان بىردىن بوغۇم ئۆسۈكچىسى بولىدۇ. ئۇلار ئومۇرتقا يايى يىلتىزى بىلەن ئومۇرتقا تاختىسى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئورۇنغا جايلىشىپ، ئۆز ئارا قوشتا بولغان ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ ئاستى-ئۈستى بوغۇم ئۆسۈكچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئومۇرتقا ئارىلىق بوغۇمى دېيىلىدۇ. سېرىق ئۆسۈكچە ھەربىر تەرەپتە بىردىن بولۇپ، بۇ ئومۇرتقا يايى يىلتىزى ۋە ئومۇرتقا تاختىسى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئورۇندىن چىقىپ، ئاستى-ئۈستى بوغۇم ئۆسۈكچىسى ئارىسىدا بولىدۇ، ئۆسۈكچە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، مۇسكۇل ۋە پەيلەر چاپلىشىپ تۇرىدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر