ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى 3 جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : ئۇيقۇ نورمالسىزلىقى ئۇخلاش ۋاقىتى ۋە ئۇخلاش ئادىتىگە ئائىت ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1) داۋاملىق تۈنەش ( ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش)
  تۈنەش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئورتاق سەزگۈزەشتىسى. ھەتتا بەزىلەر: بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئادەم كېچىلىك ئۇيقۇدىن كېچىپ ئىش قوشۇپ ئىشلىمىسە ۋە ئۆگەنمىسە ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئادەم ئۇزاق مۇددەت تۈنىسە، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلمىسا، بەدەننىڭ قۇۋۋىتى خوراپ، ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى، مەسىلەن، باش ئېغىرلىشىپ، كۆز ئەتراپى قارىداپ كېتىش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇزاق مۇددەت تۈنەيدىغانلار بىلەن بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرىدىغانلار ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، داۋاملىق تۈنەيدىغانلارنىڭ ئۇزاق مەزگىل بىنورمال ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، بىر كۈن ئىچىدىكى ھەر خىل گورمونلارنىڭ ئاجرىلىش مىقدارىنىڭ بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا تەخمىنەن %50 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاسانلا تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
  يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇخلاش تاماق يېيىش، سۇ ئىچىشتىن مۇھىم، ئادەم تاماق يېمىسە 20 كۈن، سۇ ئىچمىسە يەتتە كۈن ياشىيالىغىنى بىلەن، ئۇخلىمىسا ئاران بەش كۈن ياشىيالايدۇ. ئۇخلاش ئورگانىزمنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىشكە ۋە ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، ئۇ كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى. ئۇخلاش چوڭ مېڭىنى قوغداپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېتىلىشنى تېزلىتىدۇ. يېتەرلىك ئۇخلىغانلىق ياكى ئۇخلىمىغانلىق تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن ئۆلچىنىدۇ: بىرى، ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولۇشى، چوڭلار ھەر كۈنى 7~8 سائەت، ياشانغانلار ھەر كۈنى 5~7 سائەت ئۇخلاشقا ئادەتلىنىشى؛ يەنە بىرى، قېنىپ ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇخلاپ ئويغانغاندا روھسىز ھەم يېقىمسىزلىنىش تۇيغۇسى بولمىسا ئاندىن قېنىپ ئۇخلىغان ھېسابلىنىدۇ.
  يېتەرلىك ئۇخلىماسلىقنىڭ ساغلاملىققا يەتكۈزىدىغان تەھدىتى ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە چېنىقماسلىقنىڭكىگە ئوخشاشلا ئېغىر. يېتەرلىك ئۇخلىمىسا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئادەمنى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. بۇ خىل ناچار تەسىر تەدرىجىي يىغىلىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
2) ئۇيقۇسىزلىق
  ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئىپادىلىرى ئۇخلىيالماسلىق ياكى بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش ۋە ياكى ھەر ئىككىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى زىيادە تويۇنۇۋېلىش، قېنىق چاي، قەھۋە ياكى باشقا غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش؛ ئۇخلايدىغان مۇھىتقا چۈشىدىغان نۇر، ئاڭلىنىدىغان شاۋقۇن كۈچلۈك، ياتاق ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇش، ھاياجانلىنىش ياكى غەم- قايغۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ۋاقىتلىق ئۇيقۇسىزلىقنى، غەمكىنلىك ۋە نېرۋا ئاجىزلىق ئۇزاق مەزگىللىك ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بىر قىسىم بەدەن ئامىللىرى، مەسىلەن، بوغۇملار ئاغرىش، تېرە قىچىشىش، يۆتىلىش، ھاسىراش، يۈرەك سىقىلىش، سىزلام بولۇپ قېلىش ( پات- پات كىچىك تەرەت قىلىش) قاتارلىقلارمۇ ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
تۈنەش تەن ساغلاملىققا پايدىسىز. ئۇيقۇسزلىق بىمارنى تولىمۇ ئىلاجىسىزلىقتا قالدۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزى دىققەت قىلالىسا، ئۇيقۇسىزلىقنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قەرەللىك ئۇخلاپ، قەرەللىك ئويغانسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇخلاش ئادىتى، يەنى كىشىلەر ئېيتقاندەك بىيولوگىيەلىك سائەت شەكىللىنىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى زىيادە تۇيۇنۇۋالماسلىق ياكى ئاچ قورساق يېتىپ قالماسلىق، قېنىق چاي، قەھۋە قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك لازىم؛ ياتاق ئۆي قاراڭغۇراق، نۇر كۈچلۈك چۈشمەيدىغان، ئەتراپ مۇھىتى تىنچ بولۇشى كېرەك. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق ماڭسا، ئىلمان سۇدا پۇت، يۈز- قوللارنى يۇيۇشتەك يەڭگىل ھەرىكەتلەرنى قىلسا، رىتىملىق، ئەمما ئاستا نەپەس ئالسا ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ ئۇخلىيالمىسا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
3) ناچار ئۇخلاش ئادىتى 
ناچار ئۇخلاش ئادىتى ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى زىيادە تويۇنۇۋېلىش، مېڭىنى زىيادە ئىشلىتىش، ھاياجانلىنىش، ئېغىزىنى ئېچىپ ئۇخلاش، باشنى چۆمكىۋېلىپ ئۇخلاش، شامالداپ يېتىپ ئۇخلاش، ئوتقا يېقىن ئۇخلاش، چىراغنى ئۆچۈرمەي ئۇخلاش، دۈم يېتىپ ئۇخلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساغلاملىققا زىيانلىق ئۇخلاش ئادەتلىرى بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش شەرت.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر