تاماكىنى كۆپ چېكىش، ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىشنىڭ زىيىنىگە سەل قارىماڭ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تاماكا چېكىدىغانلاردا تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن. تاماكا چېكىشنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق خەۋپلىك ئامىل ئىكەنلىكى جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان.  كىچىككىنە بىر تال تاماكا ئىنساننىڭ ھاياتىغا ۋە ساغلاملىقىغا تەھدىت سالالايدۇ. چۈنكى، تاماكىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان نىكوتىن يۈرەكنى غىدىقلاپ، يۈرەك مۇسكۇلىنڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، ئارتېرىيە دىۋارى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. 40 تال تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىننىڭ ئومۇمىي مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرھال بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولالايدۇ. تاماكا كۆيگەندە چىقىدىغان كاربون چالا ئوكسىدى، دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك سۇلۇق ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە تاجىسىمان ئارتېرىيەنى سپازمىلاندۇرۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاماكىنى كۆپ چەككەنسېرى كېسەللىك ئەھۋالى شۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئالايلۇق، چىرايلىق بېزەلگەن بىر ئاشخانىنىڭ چاقچۇق خىشلىرى چېقىۋېتىلسە، پولات چىۋىق، سېمونت لاي ۋە خىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، بۇنداق ئاشخانىدا تاماق ئەتسە تاملار ئىشلىشىپ قارىداپ ۋە داغلىشىپ، تامغا قېلىن بىر قەۋەت ماي چاپلىشىۋالىدۇ. ئۇنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىمەن دەپمۇ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، تاماكىمۇ ئۇزاق مۇددەت چېكىلسە، قان تومۇر دىۋارى ئاسانلا قېتىۋېلىپ، ئاستا- ئاستا ئېلاستىكلىقىنى يوقىتىدۇ.

  تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسىنى نائىلاج سۈمۈرۈۋېلىشى « پاسسىپ تاماكا چېكىش » دەپ ئاتىلىدۇ. بىر تال تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىنىڭ پەقەت %30 تىلا تاماكا چەككۈچى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، قالغان %70 ى ھاۋاغا تارقىلىپ، تاماكا چەكمەيدىغانلار تەرىپىدىن پاسسىپ ھالدا سۈمۈرۈۋېلىنىدۇ. شۇڭا، تاماكا چېكىش ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭ بوۋاقلارغا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى تېخىمۇ زور. دۆلىتىمىزدە 300 مىليون ئادەم تاماكا چېكىدۇ، قالغان 400 مىليون بىتەلەي كىشى تاماكىنى پاسسىپ چېكىۋالىدۇ. شۇڭا، مەيلى ئۆزىڭىزنىڭ ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ۋە ياكى دوست- بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ تاماكا چېكىشنى تاشلاڭ.
  ھاراقنى كۆپ ئىچىش: ھاراق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر خىل مۇھىم ئىچىملىك. ھاراق ئىچىش بەدەنگە ھەم پايدىلىق، ھەم زىيانلىق؛ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ساغلاملىقنى ئاسراش رولىنى ئوينىيالايدىغان تۆۋەن گىرادۇسلۇق ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، ئاشقازان- ئۈچەينى ئىللىتىپ،  سوغۇقتىن ساقلاپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ؛ قان تولۇقلاش، ئۇخلىتىش رولى بولۇشىمۇ مۇمكىن. جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاشتا، ھاراق دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما، ھاراقنى بىر قېتىمدىلا كۆپ ئىچسە ياكى داۋاملىق ئىچسە، بولۇپمۇ ئىسپىرت تەركىبى يۇقىرىراق كۈچلۈك ھاراقنى ئىچسە، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسپىرت يۈرەك- قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى، مەسىلەن، قان تومۇلار قېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ھاراقنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە يۈرەكتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە قىسقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قان تومۇر دىۋارىغا ماي ماددىلىرىنى چۆكمىلەشتۈرىدۇ، قان تومۇر كانىلىنى تارايتىۋېتىدۇ ۋە قان تومۇر دىۋارىنى يىرىكلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
  پىۋا كۈچلۈك ھاراق ئەمەس، ئۇنىڭ « سۇيۇق بولكا » دەيدىغان چىرايلىق نامى بار. پىۋىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتا، ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار، مىكرو مىقدارلىق ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما، بىر لىتىر پىۋا تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 100 گىرام ئاق ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىغا باراۋەر كەلگەچكە، پىۋىنى ئۇزاق مۇددەت، كۆپ ئىچسە بەدەنگە ماي يىغىلدۇرۇپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يۈرەكنى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە چوڭايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر