چوڭلار، بوۋاقلارنىڭ تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسە ياخشىمۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى: كۆپلىگەن كىشىلەر بوۋاقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسە بىخەتەر بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
  بوۋاقلار تېرىلغۇ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن بىخەتەر بولۇپ، تېرىنى غىدىقلىمايدۇ. لېكىن يېتىلگەن كىشىلەر بىلەن بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلىرى بىلەن ماددا ئالمىشىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ماي ماددىسىغا ئېھتىياجلىق، يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ تېرىسى سۇ تولۇقلايدىغان ھەر قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر يېتىلگەن كىشىلەر دائىم بوۋاقلار تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسە، بوۋاقلار تېرىلغۇ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بوۋاقلارنىڭ تېرە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا، ماي تولۇقلاشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، يېتىلگەن كىشىلەر دائىم بوۋاقلار تېرە ئاسراش مەھسۇلاتىنى ئىشلەتسە، تېرىسى ئېھتىياجلىق بولغان تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرەلمەيدۇ، شۇنداقلا تېرىلغۇ سۇ تولۇقلاش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ماددىلارغا ئېرىشەلمەي، قۇرغاق،قۇرغاق يىرىك بولۇپ قالىدۇ.
 
  يېتىلگەن كىشىلەر تېرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېرىدە كۆرۈلگەن مەسىلىگە قاراپ، تېرە نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭ تولۇقلاش، ئۆز تېرىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرىلغۇ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئالدىراقسانلىق قىلىپ بوۋاقلار تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تاللىۋالماسلىق كېرەك. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر