ئارام ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن تۇرمۇش يېتەكچىسى: ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق مەركىزىدىكى روھىي كېسەللىكلەر بويىچە ياردەمچى پىروفېسسور ساندىرا ئالانىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئەگەر خىزمەتنى بەك جىددىي، ئالدىراش ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك بەك مىنۇت، ئون مىنۇت، بىر سائەت ياكى بىر كۈنلۈك « پارچە دەم ئېلىش» ئۇسۇلىنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

   بەش مىنۇتلۇق ئارا ئېلىپ ئۇسۇلى: تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئۇسۇلنى بەش مىنۇت ئىچىدە ئورۇندىسىڭىز ھارغىنلىقنى تۈگىتىشكە ياردىمى تېگىشى مۇمكىن. بىر نەرسىنى چىڭ قۇچاقلاڭ ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىڭىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈڭ، ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇشتىن بۇرۇن يۇمۇر ئىزدەڭ، كۆپرەك كۈلۈڭ. سىز بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايلارنى ئويلاڭ. مەسىلەن: دېڭىز بويى، ئېگىز تاغ ياكى باشقا بىرەر جايغا بېرىپ، زېھىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك مەلۇم بىر نەرسىنى « كۆرۈڭ »، «پۇراڭ »، « ئاڭلاڭلار » ؛ كۈندىلىك خىزمەتنى ئۇرۇندا بولغاندىن كېيىن لەتىپە ئوقۇڭ، مېۋە شىرنىسى ئىچىڭ ياكى بالىلار بىلەن بىردەم ئويناڭ.
 
   ئون مىنۇتلۇق دەم ئېلىش ئۇسۇلى: ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئادەتنى ئۆزگەرتىپ بەزى ئىشلارنى قىلىڭ. ھەمىشە بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالماڭ؛ ئەتىگەنلىك غىزانى ھەر خىل ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ. تاماق يېگەن بىر ئورۇندا ئولتۇرۇۋەرمەي، ئەڭ ياخشىسى ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ؛ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن پاراڭلىشىڭ، ئۇلارغا سىزنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ؛ ئاندىن ئورۇندۇققا يۆلىنىپ كۆزىڭىزنى يۇمۇپ بىر قانچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، مۈگدەڭ، ئاندىن بارمىقىڭىز بىلەن پېشانە ۋە بوينىڭىزنى ئۇۋۇلاڭ.
 
 بىر سائەتلىك دەم ئېلىپ ئۇسۇلى: چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى بىر بۆلەك ۋاقىتتا قارتا ئويناش، ئارغامچا ئاتلاش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناڭ.
 
   بىر كۈنلۈك دەپ ئېلىش ئۇسۇلى: ئىلگىرى بېرىپ باقمىغان يەرگە بېرىپ ئويناپ كېلىڭ. كونا ئىشلارنى يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن قىلىڭ. مەسىلەن: ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ؛ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇڭ.
يۇقىرىقى بىرقانچە خىل ئۇسۇل ماغدۇرىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىپ جىددىيلىكىڭىزنى پەسەيتىدۇ، ھارغىنلىقىڭىزنى تۈگىتىدۇ.
  - تۇمۇشىڭىزدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر