قالقانسىمان بەز كېسىلى ۋە جىغان

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

    ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : ياشانغانلاردىكى قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى كۈچىيىپ كېتىشنىڭ زىيىنى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

قالقانسىمان بەزنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىشىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى. ئۇ كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكىدۇر.
   قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدە، گەرچە خېلى كۆپ قىسىملىرى ياش قىزلار بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشانغانلارنىڭ قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.
 
  تۆۋەندە كۆپچىلىككە ياشانغانلارنىڭ قالقانسىمان بەز ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرىمىز:
 
1. يۈرەك كېسەللىك ئالامىتى
  نۇرغۇنلىغان ياشانغانلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بار بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ تەسىرىدە، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دالانچە مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تىز بولۇشى، يۈرەك دالانچىسىنىڭ تالالىق تىترىشى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ تىزلىشىشى، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ئېغىرلىشىپ كەتسە، ھەتتا يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 40 ياشتىن يۇقىرى قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئىچىدە، 1/3 بىمارنىڭ قالقانسىمان بەز يۈرەك كېسىلى بار، %5 پىرسەنت قالقانسىمان بەز بىمارلىرىدا يۈرەك دالانچىسى تىترەش ئالامىتى بار. ئادەتتە بىمارنىڭ يۈرەك كېسەللىك ئالامەتلىرىگىلا دىققەت قىلىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ مەۋجۇتلىقىنىغا سەل قارىغاندا، بىمارنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا دەخلى يېتىدۇ.
2. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى 
  بىماردا ئادەتتە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، ھەتتا ئىچى سۈرۈش بىلەن قەۋزىيەت ئارىلىشىپ دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بەزىلەر بۇنى ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. تاماق يېيىشى ئاز بولغاچقا، خوراش ئەھۋالى كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك چۈشىدۇ، بەزى بىر قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 20 ~ 10 ئەتراپىدا ئورۇقلاپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ.
 
3. روھىي كېسەللىكلەر
  قالقانسىمان بەزگە گىرىپتار بولغان ياشانغان بىمارلاردا ئەس-ھوشى قالايمىقانلىشىش، رېئاكسىيەلىك كېچىكىش، روھىي چۈشكۈنلۈك، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، كەم سۆز، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال يوشۇرۇن تىپتىكى ياكى پەرۋاسىز تىپتىكى قالقانسىمان بەز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پەقەت يېشى چوڭ بولغان ياشانغانلاردىلا كۆرۈلىدۇ. 
قالقانسىمان بەز بىر خىل جاھىل خاراكتېرلىك، داۋالاش قىيىن بولغان ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكى، ئۇزاق مۇددەت داۋالاش قىلمىغاندا ياكى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، قايتىدىن قوزغىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
ئەگەر قالقانسىمان بەزنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىمىغاندا، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. قالقانسىمان بەز كېسەللىكى قايسى خىل خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
1. جەمئىيەتكە بولغان ئىجتىمائىي تەسىرى
بىمارلاردا دائىم ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۇرۇشۇپ قالغاندەك ۋارقىراپ گەپ قىلىش ئالامەتلىرى بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا سوقۇشۇپ قالىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىدۇ.
 
2. ئەمگەك ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرى
قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئىچى تىلتىداش، ئاچچىقى كېلىش، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش دېگەندەك ئالامەتلەر بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر قىلىدۇ، ھەتتا ئەمگەك كۈچىنى يوقىتىۋېتىدۇ. ئۇ يەنە كۆز پولتىيىپ چىقىش، كۆزنى يۇمالماسلىق ياكى ئىككى كۆز ئالغاي بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار كۆز كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ.
3. دىيابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش
قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئىنسۇلىننىڭ رولىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. قالقانسىمان بەزدىكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئىنسۇلىننى كونترول قىلىش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا ئاشقازاننىڭ گىلۇكوزىنى سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ يەنە گلۇكوگېننىڭ غەيرىي يولدا ھاسىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنىڭدىن قان شېكىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
چۈنكى يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسىدىكى T3 قوبۇل قىلغۇچى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، شۇڭا يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ زىيادە تەسىرىگە ئۇچراپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. قالقانسىمان بەز ھورمۇنى كۆپ ۋاقىتقىچە يۈرەككە تەسىر قىلسا، يۈرەكنىڭ يوغىناپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك دالانچىسى تىترەش، يۈرەك رىتىمىنى نورمالسىزلىشىش ھەتتا يۈرەك زەئىپلىشىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
   جىغان مېيى ئىچىدىكى جىغان فلاۋونى، فوسفاتىد تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئويناپ، تېز سۈرئەتتە بۆرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
  دېمەك، قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىغان مېيىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى ئەمدى كۈچىيىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا  جىغان مېيى تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا ۋە كاروتىن،β كاروتىنوئىد قاتارلىقلارنىڭ قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسىنى روشەن تەڭشەش رولى بار.
  جىغان مېيى قان ئايلىنىشنى تېز سۈرئەتتە راۋانلاشتۇرۇپ، قان تومۇرلارنى ئېچىپ راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قويۇقلاشتۇرۇلغان جىغان مېيى تەركىبىدە 400 خىلدىن ئارتۇق بىئوئاكتىپ ماددىلار بولۇپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تېزلىكتە كونترول قىلىشقا ياردەملىشىپ،شۇ ئارقىلىق قالقانسىمان بەز كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر