ھەممەيلەن قورقىدىغان بۇ 6 كېسەلنى داۋالىتىش ھاجەتسىز

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 تۇرمۇشتا، « كىچىككىنە كېسەللىكلەر ئۈچۈن دوختۇرخانىمۇ دوختۇرخانا، شىپاخانىمۇ شىپاخانا قاتراپ» يۈرىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ھەتتا بەزىلەر تۇغقانلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن كېسەللىك ھېسابلانمايدىغان فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىسىلەرگىمۇ زىيادە دورا ئىشلىتىدۇ ۋە داۋالىنىش قىلىدۇ. زادى قانداق « كېسەللىكلەر » دىن ئەنسىرىمىسىمۇ ۋە داۋالاتمىسىمۇ بولىدۇ؟ 
«ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» نىڭ مۇھەررىرى تۆۋەندە، «ھاياتلىق ۋاقىتلىق گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ چىقتى. ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ بۇ مەزمۇننى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر
بېيجىڭ سېيخې دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شىڭ شياۋ پىڭ (邢小平  )
جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋاڭ جىڭ دوختۇرخانىسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋېن جيەنمېن ( 温建民 )
بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن لى فاڭ ( 孙丽芳 )
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى سۈيدۈك 
پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ جۇڭيى دوختۇرخانىسى تال ۋە ئاشقازان كېسىلى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى  تاۋ لىن ( 陶琳 )
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاڭ گو شى ( 张国喜 )
سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بېيجىڭ دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ دېپىڭ ( 刘德平 )

 

1. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بولسا نورمال ئۆزگىتىش 
  نۇرغۇن ئاياللار « شەلۋەرەش » دېگەن گەپنى ئاڭلىسا تەشۋىشىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ھەقىقىي مەنىدىكى شەلۋەرەش ئەمەس، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. 
ئۆتمۈشتە بۇنى بىر بىر خىل پاتولوگىيەلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى ، دەپ خاتا تونۇلغان. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە « بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش » ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلىمى دەرسلىكى ئىچىدە يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا « بالىياتقۇ بوينى تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە غەيرىي ئورۇنلىشىش » ئالماشقان. كېسەللىك سەۋەبىنى تەھلىل قىلساق، بەك بالدۇر جىنسىي تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش، جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش، جىنسىي تۇرمۇش مۇھىتى پاكىز بولماسلىق، كۆپ قېتىم سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يېنىك دەرىجىدىكى شەلۋەرەشنى پۈتۈنلەي داۋالاش ھاجەتسىز. ئوتتۇرا ئېغىر دەرىجىدىكى شەلۋەرەش نورمال جىنسىي تۇرمۇش ۋە تۇغۇتقا تەسىر قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ فىزىكىلىق داۋالاش قىلىش كېرەك. 
  سۈن لى فاڭ مۇنداق دەيدۇ: بۇ بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرتكەن ئون ئايالنىڭ ئىچىدىن توققۇزىدا بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش دەپ چىقىدۇ، بۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ كېتىش ھاجەتسىز. بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن زىچ باغلىۋېلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا بالىياتقۇ بوينىنى راكقا قارىتا تەكشۈرتۈش قىلىشقا دىققەت قىلسىلا بولىدۇ.

 

2. مەزى بېزى ياللۇغى تۇرمۇشقا دەخلى قىلمايدۇ
  مەزى بېزى ياللۇغى بولسا ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك. نازۇك ئورۇن بولغاچقا، كىشىلەر بۇ توغرىسىدا چىش يېرىپ گەپ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. دائىم بەزى « تۆۋەن مۇقام » توۋلايدىغان كىچىك شىپاخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، كۆپ ساندىكى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى مەخسۇس داۋالاش ھاجەتسىز.
  جاڭ گوشىن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى :ئەگەر روشەن ھالدىكى پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا، قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈش قىلىش، ئۇزاق ئولتۇرۋالماسلىق، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، ئاچچىق -چۈچۈك يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ.

 

3. يۈرەك بالدۇر سوقسا لېكىن كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسا داۋالاش ھاجەتسىز
  نورمال يۈرەك سوقۇشى تەكشى سۈرئەت بىلەن قانۇنىيەتلىك ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەردە يۈرەكتە بالدۇر سوقۇش كۆرۈلسە، 
  سوقۇش قانۇنىيىتى ئىچىدە يۈرەكتە بىر قېتىملىق بالدۇر سوقۇش پەيدا بولىدۇ، ئاندىن بىر قەدەر ئۇزاق ئارىلىقتىن كېيىن يۈرەك بالدۇر سوقۇش توختايدۇ. يۈرەك بالدۇر سوقۇش بىر خىل ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈدىغان يۈرەك رېتىمسىزلىقىدۇر. كېسەللىك ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن يۈرەك بالدۇر سوقۇش ھادىسىسى كېلىپ چىقىرىدۇ.
  ليۇ دېپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئەگەر يۈرەك بالدۇر سوقۇش سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە بايقالغان بولسا، بىراق روشەن بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى بولمىسا، داۋالاش ھاجەتسىز. چۈنكى بىز جىددىيلەشكەندە، جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا، زىيادە چارچىغاندا ۋە ھاراق ئىچىش قاتارلىق تاشقى ئامىل تۈرتكىسىدە ئاسانلا يۈرەكتە بالدۇر سوقۇش كۆرۈلىدۇ. بۇنداق يامان تۇرمۇش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئادەتتە قېنىق چاي، قويۇق قەھۋە قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك. 
  ئەگەر بالدۇر سوقۇش ئالامەتلىرى روشەن بولۇپ، ئالاقزەدە بولۇش، نەپەس بۇغۇلۇش، كۆكرەك سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ياكى باشقا يۈرەك بالدۇر سوقۇش ئالامەتلىرى ئەگىشىپ كەلسە، بۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دەرھال داۋالىنىش كېرەك.

 

4. سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ كېسەللىك بولۇشى ناتايىن
  سۆڭەك ئۆسۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەنسىرەيدۇ. لېكىن ۋېن جيەنمېن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش سۆڭەكنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھادىسىسى بولۇپ، بۇ ئادەتتە « سۆڭەك » ئادەم بەدىنىدىكى بوغۇم ئورگانىزمنىڭ ئېغىر قېرىشنىڭ ئىپادىسى. بەزى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈپ قېلىش بولسا سىرتقى كۈچكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزگەرگەن، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بوغۇم ۋە ئومۇرتقىسىدا پەيدا بولغان ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسىدۇر.
  ۋېن جيەنمېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:سۆڭەك ئۆسۈشنىڭ كېسەللىك بولۇشى ناتايىن. ئەگەر ئاغرىش، بوغۇم ياللۇغى، ھەرىكەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ( مەسىلەن: تۈز ماڭالماي، پۇت-قوللىرىنى ئەگرى ھەرىكەتلەندۈرۈش ) قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر بولمىسا داۋالىنىش ھاجەتسىز. ئەكسىچە بولسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك. ياشانغانلار بوغۇم-سۆڭەكنى ئاسراشقا دىققەت قىلىپ، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تەكلىپ، ھەددىدىن زىيادە كۈچۈنمەسلىك، مۇۋاپىق چېنىقىش لازىم. 

 

5. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى %80 ئادەمدە بار
  ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئاستا ياللۇغلىنىش كېسەللىكى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ چىقىش نىسبىتى %80 ~ %90، ساغلام كىشىلەر توپىنى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە، ھەممىسىدە بۇ خىل كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن.
  تاۋ لىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغى پەقەت بىر خىل پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەردە روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ پەقەت نەيچە كىرگۈزۈپ تەكشۈرگەندىلا شىللىق پەردىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە شەلۋەرەش ۋە سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلار ئۆزگىرىشلەر بار يوقلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش، ھەرگىزمۇ سىزنى ئېغىر ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولدى دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت ئاشقازاندا ئاغرىش، ئىششىش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاندىن ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
  تەكلىپ:ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، بەك سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئاچچىق يېمەكلىك، ھەددىدىن تاشقىرى يەپ-ئىچمەسلىك كېرەك. ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئاساسلىق يېمەكلىككە قارا ۋە ئاق ئاشلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، قورۇمىلارغا ياغ ۋە تۇزنى ئاز سېلىپ يېيىش كېرەك.

 

6. قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ %90 ى ياخشى سۈپەتلىك
  سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا تەكشۈرۈلۈپ چىققان قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلايدۇ. جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى ئىچكى ئاجراتما شۆبە جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بەش ئادەم ئىچىدە بىر ئادەمدە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەسلىدىكى %10.2 دىن %18.6 گە ئاشتى. 
 لېكىن شىڭ شياۋ پىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپچىلىكنىڭ زىيادە ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى %95 ~ %85  بولغان قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىنىڭ ھەممىسى ياخشى سۈپەتلىك بولۇپ، دورا ئىشلەتمىسىمۇ يەنە ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى نۇرغۇنلار قالقانسىمان بەز بىمارلىرىدا راك ئالامىتى كۆرۈلگەن، شۇڭا قالقانسىمان بەز راكى « ئۆلمەس راك كېسىلى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  ھازىر قالقانسىمان بەز راكىنى تەكشۈرۈپ تېپىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشى، ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەسۋىرشۇناسلىق تەرەققىياتى بىلەن ئالاقىدار. تەكشۈرۈشتىن قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى بار دەپ چىققان بىمارلار، پەقەت ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، چارچاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قەرەللىك ھالدا قالقانسىمان بەزنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، ئۆزگىرىشلەرگە ھوشيارلىق ئاشىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر