سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 7 خىل سەۋەب

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : سېمىزلىكنى داۋالاشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئانالىز نەتىجىسىدىن قارىغاندا، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار خېلىلا مۇرەككەپ، يىغىنچاقلىغاندا ئاساسلىق تۆۋەندىكى مۇھىم ئامىللاردىن ئىبارەت:


1.ئىرسىيەت ۋە مۇھىم ئامىلى: خېلى كۆپ سېمىزلەرنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە جەمەتىگە مايىللىقى بولىدۇ. ئاتا-ئانىسى سېمىزلەرنىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە سېمىزلەر كۆپرەك بولۇپ، تەخمىنەن  ىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سېمىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


2.ماددا ئالمىشىش بىلەن ئىچكى ئاجراتما فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى: سېمىزلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشى نورمالسىز بولىدۇ. يەنى ئاساسلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى، شېكەر ئالمىشىش، ياغ ئالمىشىشى نورمالسىز بولىدۇ. ئىچكى ئاجراتما فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتە ئاساسلىق ئىنسۇلىن، ھىدروكورتىزول، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن قاتارلىقلارنىڭ ئالمىشىشى نورمالسىز بولىدۇ.

 

3. ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ، سەرپىياتى ئاز بولۇش: ئېنېرگىيەنىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىشى ئاساسلىق ئىشتىھانىڭ زىيادە ئېچىلىپ كېتىشى، سەرپىياتنىڭ ئازلاپ كېتىشى، يەنى ھەرىكەت ئاپتونوم بولۇش ۋە قوبۇل قىلىش بىلەن سىرتقا چىقىرىش تەڭپۇڭ بولماسلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.


4.ياغ ھۈجەيرە سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭ يوغىنىشى: ياغ  ھۈجەيرە سانىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ۋە ياغنىڭ يىغىلىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىچىكىدىنلا سەمرىشكە باشلىغانلار چوڭ بولغاندىمۇ يەنىلا سېمىز بولۇپ، ئورگانىزمى ياخشى ھۈجەيرە سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ ھەمدە ئاستا سۈرئەتتە داۋاملىق سەمرىپ، ياخشى ھۈجەيرىلىرى يوغىنايدۇ ھەم سانى كۆپىيىدۇ. ياغ ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن ئۈچۈن ھەسسە كۆپ بولىدۇ.


5.نېرۋا-روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى: بۇ مەلۇم بىر خىل يېمەكلىككە بولغان شىددەتلىك ئىشتىھا، كىشىلەرنىڭ كۆرۈش ۋە پۇراق سېزىمى ھەم تاماقلىنىشتا بەسلىشىش ئىستىكىنىڭ غىدىقلاشلىرى ئارقىلىق كېلىپ چىققان ئىشتىھا غىزالىنىش مىقدارىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇش، مەلۇم روھىي كېسەللىكلەردە ئىشتىھا ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

 


6.تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى: ياۋروپالىقلارنىڭ گۆش ۋە خام قايماقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ كۆپ مىقدارىدا گۆش يېيىشى،يېيىشى جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ شېكەرلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشى قاتارلىقلار.

 


7.باشقا ئامىللار: جىنسىي پەرقى، ياش پەرقى، كەسىپنىڭ ئوخشىماسلىقى، مۇھىت ئامىلى، تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىدە قاتارلىقلار.

  ئەلداۋادىن سەمىمىي تەكلىپ: ئادەتتە بىر نەچچە خىل ئامىلنىڭ يىغىلىپ تەسىر قىلىشىدىن سېمىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، كىلىنىكىدا داۋالاشتا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرگە ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر خىللا  داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ۋە دورىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر