ئورۇقلاشتا قانداق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/02/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئورۇقلاشتا تۆۋەندىكىدەك 4 پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: 
 
1.ئۈچۈن ۋاق تاماق يېيىش. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. نامۇۋاپىق غىزالىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئورۇقلاش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. غىزالانغاندا يۇقىرى قەنت ۋە يۇقىرى ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى قاتتىق چەكلەش. تورت، كەمپۈت، مېنىڭ ۋە قاقاس تۈرىدىكى يېمەكلىك قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ،ئۆزگەرتىپ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك ماي ھۈجەيرىلىرىنىڭ يوغىناپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سېمىزلەر غىزالانغاندا تاماق مىقدارىنى ھازىرقى بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە ھېسابلىماي، بەلكى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە ھېسابلاپ يېيىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بەدەندىكى ئوشۇقچە مايلارنى سەرپ قىلىپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2.غىزالىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش. سېمىز ئادەملەرنىڭ ھەمىشە ئىشتىھاسى ياخشى بولۇپ، قورسىقى ئېچىپلا تۇرىدۇ، تاماقنى چاينىمايلا يۇتىدۇ، نەتىجىدە تاماقنى كۆپ يەۋالىدۇ. غىزالىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كۆپرەك چايناپ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. تاماق يېگەندە يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتسا، يېمەكلىكتىكى ئوزۇقلۇق تولۇق سۈمۈرۈلۈپلا قالماستىن،قالماستىن بەلكى يەنە ئادەم تويغاندەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ئۇزۇنراق چاينىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاڭلىق تۈردە كۆپرەك يېيىش، ئەڭ ياخشىسى،ياخشىسى تاماقتىن ئىلگىرى ئازراق ئىچىملىك ئىچىپ ياكى بىرەر تال مېۋە يەنە ئاچلىقنى بېسىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىكنى ئۇزۇن چايناش يەنە شۆلگەيلەرنىڭ كۆپرەك ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەۋەر قىلىنىشىچە، شۆلگەي ھورمۇنىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىكەن.
3.كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېمەسلىك.كەچلىك تاماقنى ئەڭ ياخشىسى سەككىز ئۈلۈش تويۇنغان ئاساسىدا كونترول قىلىش،قىلىش يۇقىرى ماي ۋە يۇقىرى قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن، مايسىسى ۋە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. سېمىز كىشىلەر كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى كېچىلىك تاماق يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاماق يېسە،يېسە ئىسسىقلىق ۋە مايلاپ ئوڭاي يىغىلىپ، ئىنسۇلىننىڭ كۆپلەپ ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىنى غىدىقلاپ،غىدىقلاپ مايلارنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
4.بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ قەدىر-قىممىتى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشتا. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش ئاساسىدا، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئورۇقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئورۇقلاشتا بىر قېتىمدىلا قاتتىق ھەرىكەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ھەرىكەت مىقدارى بەك ئېشىپ كەتسە، ئەكسىچە سالامەتلىككە پايدىسىز بولىدۇ، بىر كۈن ئىشلەپ،ئىشلەپچىقىرىش ئىككى كۈن تاشلاپ قويسا، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئورۇقلاش گىمناستىكىسى ۋە گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. بۇلار ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئۇنى داۋاملىق ئويناشمۇ ئوڭاي. 
  -ئورۇقلاشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرىدىن 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر