چۈشلۈك ئۇيقۇنى قانداق ئۇخلاش كېرەك؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:

چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ رولى

كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چۈشلۈك غىزادىن كېيىن بىردەم ئۇخلىۋالغۇسى كېلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئېرىنچەكلىكىمىزدىن ئەمەس، بەلكى تېنىمىزدىكى فىزىيولوگىيەلىك رىتىمنىڭ رولىدىن بولغان، شۇڭا چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادەم تېنىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك رىتىمىنى قوغداشتىكى بىر خىل چارە.
گېرمانىيە تەتقىقاتچىسى كامبېل ئۇيقۇنىڭ دەۋر قىلىشىنى چوڭ مېڭە تىزگىنلەيدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ تەبىئىي ئۇيقۇ دەۋرىنىڭ بىر قىسمۇ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشلۈك ئۇيقۇ تەدرىجىي ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ئاسراش چارىسى بولۇپ قالغان. دەسلەپتە كىشىلەر چۈشتىكى ئىسسىقتىن قېچىش ئۈچۈنلا ئۇخلىغان بولۇشى مۇمكىن، كېيىن بارا- بارا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان.
گېرمانىيە روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىدىكى ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئادەم كېچىلىك ئۇيقۇدىن باشقا، كۈندۈزدىمۇ ئۇيقۇغا موھتاج بولىدىكەن. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز، چۈش سائەت بىر ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئۇيقۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى پەيدا بولىدىكەن، بولۇپمۇ چۈش سائەت بىردىكى يۇقىرى پەللە روشەنرەك بولىدىكەن، دېمەك كۈندۈزىمۇ تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئۇيقۇ رىتىمى پەيدا بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ كۈندۈزلۈك ئۇيقۇ رىتىمى ئالدىراش خىزمەت ۋە جىددىي كەيپىيات بىلەن بېسىلىپ قالىدىكەن ياكى ھاراق، چاي دېگەندەك روھلاندۇرغۇچى ئىچىملىكلەر بىلەن يوقىلىدىكەن. شۇڭلاشقا، بەزىلەردە ئۇيقۇ كېلىش تۇيغۇسى بولمايدىكەن. بۇ غىدىقلىغۇچى ئامىللار يوقالسا، كۈندۈزلۈك ئۇيقۇ رىتىمى روشەنلىشىدىكەن. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ چۈشتە ئۇخلىشى ۋە ياشانغانلارنىڭ كۈندۈزى نەچچە قېتىم مۈگدىشىمۇ شۇنىڭدىن ئىكەن.

چۈشلۈك ئۇيقۇنى قانداق ئۇخلاش كېرەك
1. غىزادىن كېيىنلا ئۇخلىماسلىق: غىزادىن كېيىن ئاشقازان ئوزۇقلۇق تولغان بولۇپ، ھەزىم قىلىش ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇخلىغاندا ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يېتىپ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا ئاشقازان كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، چۈشلۈك ئۇيقۇمۇ ياخشى بولمايدۇ.
2. ئۇخلاش قىياپىتى توغرا بولۇش: ئۇخلايدىغان چاغدا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە قولاي بولۇشى ئۈچۈن، ئىشتانباغنى بوشىتىش كېرەك. بەزىلەر چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ساپا، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ياكى ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلايدۇ. بۇنداق قىلغاندا سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. ئۈستەلگە باشنى قويۇپ ئۇخلىغاندا بەزىدە باش قېيىش، باش ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ئۇخلىغاندا يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ يۈرەك رىتىمى ئاستىلايدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ- دە، مېڭىدىن ئۆتىدىغان قانمۇ نىسبەتەن ئازلايدۇ، باشنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئۇخلىغاندا، مېڭىدە قان تېخىمۇ ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، چۈشتە ئۇخلاشقا توغرا كەلسە تۈز يېتىپ ئۇخلىغان ياخشى.
3. ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك: يەنى بىر سائەت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ: تەتقىقاتلاردا ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى يېنىك ئۇيقۇ ۋە قېنىق ئۇيقۇ باسقۇچى دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئىككى باسقۇچ دەۋرىلىنىپ تۇرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە ئۇيقۇغا كېتىپ 80دىن 100 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا يېنىك ئۇيقۇدىن چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ چاغدا چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىي نېرۋىلىرىنىڭ تىزگىنلەش دەرىجىسى ئېشىپ، مېڭە توقۇلمىلىرىدىكى نۇرغۇن قىل قان تومۇرلار ۋاقتىنچە يېپىلىدۇ، مېڭە توقۇلمىلىرىدىن ئۆتىدىغان قان نىسبەتەن ئازىيىدۇ، تەندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا ئادەم ئويغىنىپ كەتسە پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇپ، تېخىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدا تىزگىنلەنگەن چوڭ مېڭە پوستلىقى تېخى قويۇۋېتىلمىگەن، يېپىلغان قىل قان تومۇرلار تېخى ئېچىلمىغان بولغاچقا، چوڭ مېڭىگە ۋاقىتلىق نىسپىي قان يېتىشمەيدۇ. بۇ خىل ئالامەت 10 نەچچە مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، چۈشلۈك ئۇيقۇنى ھەر كىم ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇيقۇسى كەلمىسە مەجبۇرىي ئۇخلىماسلىق كېرەك، ئۇخلايمەن دەپ ئۇيقۇ دورىسى ئىچىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر