HIV يۇقۇمدارلىرى توي قىلسا بولامدۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەقىل بانكىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خېنەندىكى مەلۇم بىر كىچىك ناھىيە شەھىرىدىكى HIVدىن يۇقۇملانغان ئاز دېگەندە 35 جۈپ ئاشىق-مەشۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك توي قىلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان، بەزىلىرىنىڭ بىرى يۇقۇملانغان، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپلىرى ئەينى يىللىرى ئاتا-ئانىسى قان ساتقاندا HIVدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئانىسىدىن يۇقۇملانغانىدى. ھازىرغا قەدەر بۇ 35 جۈپ ئەر-ئايالنىڭ 24 جۈپى بالىلىق بولدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېڭىدىن تۇغۇلغان 24 بوۋاقنىڭ HIVدىن يۇقۇملانمىغانلىقى بايقالدى.

HIVدىن يۇقۇملانغان ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن ئەھۋالدا توي قىلسا بولىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا پەقەت «تىبابەتتە توي قىلىشىغا بولمايدىغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار»نىڭ توي قىلىشىغا بولمايدۇ دپ بەلگىلەنگەن، دۆلىتىمىز قانۇنىدا ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ توي قىلىشى چەكلەنمەيدۇ.

سەھىيە مىنىستىرلىكى 2002-يىلى بېسىپ تارقاتقان «نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دا: «نىكاھ تەكشۈرۈشىدە ئۆمۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان، كېسەل قوزغىلىش دەۋرىدە تۇرمىغان يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرى ياكى كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرتكەندە مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەكشۈرۈلگۈچىگە ئەھۋال ئېنىق ئېيتىلىشى، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە باشقا تەدبىر قوللىنىش پىكرى بېرىش كېرەك. ناۋادا تەكشۈرۈلگۈچى توي قىلىشتا چىڭ تۇرسا ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا <تىببىي تەدبىر قوللىنىش>نى ئەسكەرتىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن تويدىن ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر تەرەپ چوقۇم قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىمارى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ئالدىنى ئېلىشقا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشنى خالىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن باشقا بىمارلار، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسم، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا چوقۇم گاندون ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، توي قىلىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىكى بىردىنبىر يول ئەمەس ئىكەن.

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ توي قىلىش، بالىلىق بولۇشى قانۇندا چەكلەنمەيدۇ، پەقەت ھەمراھىغا ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، قارشى تەرەپ قوشۇلغاندا توي قىلىپ بالىلىق بولسا بولىدۇ. يۇقۇمدارلارنىڭ بالىلىق بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە قىيىن ئەمەس.

ئالدى بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىكى: ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىق بولغۇسى بارمۇ ياكى بۇنىڭغا جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ بېسىمى سەۋەب بولدىمۇ؟ مۇشۇنداق تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئاتا-ئانا بولۇشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟ توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلماسلىق، بالىلىق بولۇش ئۈچۈنلا بالىلىق بولماسلىق كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزىدىن بالىلىرىنى توي قىلدۇرۇشىدىكى مەقسەتنى سوراپ تۇرۇشى كېرەك. ناۋادا توي قىلىشنىڭ ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىڭىز يەنىلا ئۇنىڭ توي قىلىشىدا چىڭ تۇرامسىز؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • HIV يۇقۇمدارلىرى توي قىلسا بولامدۇ؟HIV يۇقۇمدارلىرى توي قىلسا بولامدۇ؟ نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەقىل بانكىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خېنەندىكى مەلۇم بىر كىچىك ناھىيە شەھىرىدىكى HIVدىن يۇقۇملانغان ئاز دېگەندە 35 جۈپ ئ
  • چۈشلۈك ئۇيقۇنى قانداق ئۇخلاش كېرەك؟چۈشلۈك ئۇيقۇنى قانداق ئۇخلاش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ رولى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چۈشلۈك غىزادىن كېيىن بىردەم ئۇخلىۋالغۇسى كېلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئېرىنچەكلىكىمىزدىن ئەمەس، بەلكى تېنىمى
  •  ئورۇقلاشتا قانداق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟ ئورۇقلاشتا قانداق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئورۇقلاشتا تۆۋەندىكىدەك 4 پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: 1.ئۈچۈن ۋاق تاماق يېيىش. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. نامۇۋاپىق غىز
  •  يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلماڭ يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلماڭ ئەلداۋا ساغلاملىق يېتكچىسى : كۆپ ساندىكى ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ھەتتا،ھەتتا خېلى بىر قىسىم ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلسا تېرىنى
  •  ئۇخلاپ ھالىتى ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئۇخلاپ ھالىتى ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئۇخلاش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇنداق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ پىرىنسىپى ئۇخلاش ئارقىلىق ئېنېرگىيەنى خورىتى