ھامىلىدار ئاياللار ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق بىلىملىرى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

قەدىرلىك ھامىلىدار ئانىلار:
ئاۋۋال سىزنى قۇتلۇقلايمىز!
سىز دەسلەپكى ئانا بولۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئالدىدا تۇرغان چاغدا، بىز مۇشۇ ماقالە ئارقىلىق سىزگە ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى زۆرۈر بولغان ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقنى ساقلاش بىلىمىنى سۆزلەپ بەرمەكچى.
بۇلارنىڭ سىزنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېغىز بوشلۇقى جىددىي كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقىنى ساقلاش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، بوۋىقىڭىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق بولۇشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەيلى سىز ھازىر كەلگۈسىدىكى ھامىلىدار ئانا بولۇڭ، ياكى ھامىلدار بولۇپ بولغان ئانا بولۇڭ، بۇنىڭدىن ھامان ئىلھام ئالالايسىز.

 ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ھامىلدارلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى بۇ ھادىسىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنداقتا بىز قانداق قىلساق بۇ ئەھۋاللاردىن ساقلىنالايمىز؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسى كۆپ

1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى چىش ئەتراپى مەسىلىسى
ھامىلىدارلىق ئەسلىدە چىش مىلىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، لېكىن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن پروگېستېرون ۋە ئانىلىق ھورمون سەۋىيەسى ئېشىپ، ئەسلىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك چىش مىلىكى ياللۇغى ياكى چىش ئەتراپى ياللۇغى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بەزى ھامىلدار ئانىلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چىش چوتكىلىغاندا قان كۆپ چىققانلىقىنى بايقايدۇ، بەزىدە ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان چىش مىلىكى قاناش، ھەتتا بەزى ئانىلارنىڭ چىشى بوشاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. 
بەزى ھامىلىدار ئاياللار يەنە چىش ئۈستىگە قىپقىزىل گۆش ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقايدۇ (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)، بىز بۇنى ھامىلىدارلىقتىن بولغان چىش مىلىكى ئۆسمىسى دەپ ئاتايمىز، تۇغۇتتىن كېيىن ئادەتتە ئۆزلۈكىدىن كىچىكلەيدۇ، ئەگەر يەنىلا يوقالمىسا ئوپېراتسىيە قىلسا بولىدۇ.

2.گەرچە ھامىلدار بولۇش چىش مىلىكى ياللۇغلىنىشنى ئېغىرلاشتۇرسىمۇ، لېكىن ئۇ چىش مىلىكى چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش ئامىلى ئەمەس. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى چىش ئەتراپى مەسىلىلىرىنىڭ تۈپكى سەۋەبى يەنىلا چىش باكتېرىيە دېغى، ئومۇمەن، ئەگەر سىز ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى سىستېمىلىق چىش يۇيۇش ۋە چىش مىلىكىنى داۋالىتىشى ئېلىپ بارسىڭىز، ھەمدە ياخشى بولغان ئېغىز بوشلۇقى تازىلىق ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلسىڭىز، چىش مىلىكى ياللۇغى ۋە چىش ئەتراپى ياللۇغى كېسەللىكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سىزنى ئاۋارە قىلمايدۇ

3. ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ھامىلدار ئانىلارنىڭ ئەقىل چىشى مەسىلىسى
بايا ھورمون سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى چىش مىلىكىنىڭ تېخىمۇ ئاسان ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق، ئەگەر سىز يوشۇرنۇپ تۇرغان ئوغرى چىشنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەقىل چىشى ئەتراپىدىكى چىش مىلىكىنىڭ ياللۇغلىنىپ ئىششىشى تېخىمۇ ئاسان كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەقىل چىشى ياللۇغلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەر چوقۇم ئۇنىڭ دەردىنى بىلىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بولسا، سىز بوۋاقنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن خالىغان دورىنى ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق يېيەلمەي ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىغاچقا، زىيىنى كۆپرەك دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھامىلدارلىقتىن بۇرۇن ئوغرى چىشنى تارتىۋىتىپ، ئاپەتنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىش كېرەك.

3. ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ھامىلىدار ئانىلارنىڭ چىش چىرىش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چىش چىرىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىشىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەب بار، ئالدى بىلەن ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قۇسۇشى ئېغىر بولغان ھامىلدار ئانىلار ھامىلدارلىقتىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، چىشى تېخىمۇ ئاسان چىرىپ، قۇرت يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆپرەك يەپ بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، كۆپىنچە ھاللاردا ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىز بولۇشىغا سەل قارىغاچقا، ئېغىز بوشلۇقىدا باكتېرىيە ئاسان پەيدا بولۇپ، چىش چىرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئەسلىدىكى چىرىگەن چىش كېسەللىك ئۆزگىرىشى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر چىش يىلىكىگە تەسىر قىلسا، قاتتىق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملاققا سەل قاراشنىڭ زىيىنى چوڭ

ئەگەر سىزنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئېغىز بوشلىقى ساغلاملىق ئېڭىڭىز سۇس بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى، چىش بوشاش ھەتتا ئاجراپ كېتىش، ئاغرىق چىدىغۇسىز بولغان ئەقىل چىش تاجىسى ئەتراپى ياللۇغى ۋە چىش يىلىكى ياللۇغى قاتارلىقلاردىن باشقا، قورسىقىڭىزدىكى بوۋاققا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار.
ئالدى بىلەن، روشەن زىيىنى چىش ئاغرىقى قوزغالغاندا، سىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىڭىز چوقۇم تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر يۈزىڭىز ئىششىپ ئېغىزىڭىزنى ئاچالمىسىڭىز، پەقەت سۇيۇق تاماق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا بالىنى قانداق قىلىپ تولۇق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىيەلەيسىز؟
ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ئانىلار 1996ـ يىلىلا ئالىملارنىڭ، ئېغىر چىش ئەتراپى ياللۇغى بولغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالدۇر يەڭگىپ قويۇش، بوۋىقىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش خەۋپ-خەتىرىنىڭ چىش ئەتراپى ساغلام ئاياللارنىڭكىدىن 7.5 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئارىلىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، تۇغۇتتىن ئىلگىرى چىش مىلىكىنى داۋاتقان ۋە ئاسرىغان ئاياللارنىڭ، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش نىسبىتى ۋە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش نىسبىتىنىڭ داۋالانمىغانلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا ئامېرىكا تېببىي پەنلەر جەمىئىيىتى، بالدۇر تۇغۇلۇش ۋە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاياللارغا ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى چىش مىلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى مۇناسىپ ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ بېرىدۇ.

ھامىلدار ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

يۇقىرىقى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئېغىز بوشلۇقى بىلىملىرىدىن باشقا، بىز يەنە قانداق قىلغاندا ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا موھتاج.
ئالدى بىلەن، ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن، چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرىدىن ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىش، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئۇلار كونكرېت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئېغىزنىڭ تازىلىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش
چىش ئەتراپىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، چىش يۇيۇش داۋالاش ياكى مۇناسىپ چىش ئەتراپى مەخسۇس بۆلۈمدە داۋالىتىش.
ئوغرى چىشنى تارتىۋېتىش
ئېغىز ئىچىدىكى داۋالاشقا تېگىشلىك بارلىق چىرىگەن چىشنى داۋالىتىش.
كەمتۈك چىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
قېلىپلاشقان ئېغىز بوشلۇقى سەھىيە تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى قوغداش. ئۇلار كونكرېت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
توغرا چوتكىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش.
چىش چوتكىسىنى قانۇنىيەتلىك ئىشلىتىپ چىش يۈزىنى پاكىزلاش.
يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، زىيادە كۆپ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش.

ئەڭ ئاخىرىدا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كالتىسىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، بوۋاقنىڭ چىشىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چىش سوئالى كۆپ

ئەگەر سىز ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئالتۇن دەۋرنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، ھامىلىدار ئانىلار قاتارىغا كىرگەندە، ئۇنداقتا سىزنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك بولغان ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، ئېغىز بوشلۇقى باكتېرىيە پەيدا بولۇشنى ئازايتىش، چىش ئەتراپى ياللۇغلىنىشنى تۆۋەنلىتىش، چىش تاجىسى ئەتراپى ياللۇغى ۋە چىش چىرىش يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئەگەر سىزدە يۇقىرىقى ھەر خىل بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى يۈز بەرسە، ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرىدىن ۋاقتىدا مەسلىھەت سوراشنى تەۋسىيە قىلىمىز، دوختۇر سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزغا قارىتا بىر قىسىم كەسپىي جەھەتتە تەكلىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىز قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.

تۇغۇتتىن كېيىنكى ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىشى

تۇغۇتتىن ئىلگىرىدىن باشقا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئېغىز بوشلۇقىنى پەرۋىش قىلىشقىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، نۇرغۇن ئانىلار بەلكىم بازاردىكى بىر قىسىم چىللە مەزگىلىدىكى مەخسۇس چىش چوتكىسى، مەخسۇس چىش پاستىسىغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بەزى داكىدا ياسالغان تۇغۇت چىش چوتكىسى چىشتىكى باكتېرىيە دېغىنى چىقىرىش رولىنى ئوينىيالمايدىغان بولۇپ، بۇ چىش چوتكىسىنى ئىشلىتىشنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق.
ھەتتا بەزى قالاق ئىدىيەلەر، قىرىقى ئىچىدە چىش چوتكىلاشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي خاتا قاراش بولۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم نورمال چىش چوتكىلاش كېرەك.

مەنبە :  دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى سالونى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر