ئۇخلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى: ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتۇر

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ھاياتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ. لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيقۇ كەمچىللىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى، ئۇخلاشنى چوڭقۇر چۈشىنىش بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا، چۈنكى كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقى ساغلاملىقتىكى سەلبىي تەسىرنى پەيدا قىلىدىغان ئامىلدۇر. ھالبۇكى، ئۇيقۇنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارى بىزگە نىسبەتەن يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان «PLOS Biology»دىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسەن، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Vanessa Hill ۋە Mimi Shirasu-Hizaنىڭ بايقىشىچە، ئۇيقۇسى كەمچىل بولغان مېۋە چىۋىنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن تەنچىسىدە ئۆتكۈر سېزىمچان سەزگۈرلۈك دەرىجىسىگە نىسبەتەن ئورتاق نۇقسان ساقلانغان، بۇ ئۇيقۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش جەريانىنى قوللايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېۋە چىۋىنىنىڭ بەدىنىدە ئۇيقۇ بىلەن سېزىمچانلىق ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاش بىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىنسانلار كېسەللىكلىرى، مەسىلەن ئۇيقۇسىزلىق ۋە نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى چۈشىنىشىمىزگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىز نېمىشقا ئۇخلايمىز؟ ئۇخلاش جەريانىدا ھايۋانلار ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، مىدىرلىيالمايدۇ، ئەتراپتىكى مۇھىتقا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار جۆرە ئىزدىيەلمەيدۇ، ئوزۇقلۇق تاپالمايدۇ، قاچالمايدۇ، ئوۋ ئوۋلىيالمايدۇ. گەرچە ئۇيقۇ قىلمىشى مۇشۇنداق بەدەللەرنى بېرىش ھېسابىغا قۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بارلىق ھايۋانلار دېگۈدەك ئۇخلايدۇ، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئۇيقۇ مەلۇم زۆرۈر بولغان ئېھتىياج ۋە تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانىدا ساقلىنىپ قالغان ئىقتىدارنى قاندۇرالايدۇ، مەيلى ئىنسان ياكى مېۋە چىۋىنى بولسۇن ھەممىسى شۇنداق. 

تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر مەلۇم يادرولۇق ساغلاملىق ئىقتىدارى ئۇيقۇغا موھتاج بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇيقۇسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل يادرولۇق ئىقتىداردا مەلۇم ئورتاق نۇقسان كۆرۈلىدۇ. بۇ تەتقىقات جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار ئۇيقۇ كەملىك كۆرۈلگەن مېۋە چىۋىنى (Drosophila)نىڭ توساتتىن ئۆزگەرگەن تەنچىسىنى تەتقىق قىلدى. ئۇلار مېۋە چىۋىنىنىڭ توساتتىن ئۆزگەرگەن تەنچىسىدە ھەقىقەتەن ئورتاق نۇقسان بارلىقىنى بايقىدى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىددىي ئوكسىدلىنىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن ئۆتكۈر سېزىمچانلىققا ئىگە.

جىددىي ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقىنى كۆپلىگەن ئەركىن رادىكال كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇ ھۈجەيرە ھەمدە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، توسالغۇنى پەيدا قىلىدۇ. زەھەرلىك ئەركىن رادىكال ياكى ئاكتىپ ئوكسىگېن دەپ ئاتىلىدۇ، نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ھۈجەيرىگە يىغىلىدۇ. ئەگەر ئۇيقۇ ئىقتىدارى مۇداپىئەگە نىسبەتەن سېزىمچانلىقى بولسا، ئۇنداقتا ئۇخلاش بولسا ئوكسىدلىنىشنىڭ غىدىقلىنىشى بىلەن قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. Hill ۋە خىزمەتداشلىرى دورىگەرلىك ئىلمى ۋە ئېرسىيەت ئىلمى ۋاستىسى ئارقىلىق بۇ خىل نەزەرىيەنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى .

ئاخىرىدا، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇيقۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولسا، ئۇنداقتا جىددىي ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقى ئۇيقۇنىڭ ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدۇ. ئۇلار شۇنى بايقىدىكى، ھەددىدىن ئارتۇق ئىپادىلەنگەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى گېن ئارقىلىق چوڭ مېڭىدىكى ئوكسىدلىنىشنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىش بىلەن يەنە ئۇيقۇنىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ پاكىتمۇ ئۇلارنىڭ قىياسىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

يۇقىرىدا ئېتىپ ئۆتكەندەك، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئۇيقۇ ۋە ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر خىل قوش يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتىقاندا، ئۇيقۇ ئىقتىدارى بەدەننىڭ ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن قوغدايدۇ، جىددىي ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقى بولسا ئىندۇكسىيەلىك ئۇيقۇغا پايدىلىق.

بۇ تەتقىقات ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئۇيقۇنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى نۇرغۇن ئوكسىدلىنىش غىدىقلىنىشىدىن بولغان كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مەسىلەن ئارزئازتېكلار كېسىلى، پاركىنسون كېسىلى ۋە خانتىڭتون كېسىلى قاتارلىقلار. ئۇيقۇسى كەم بولۇش يەككە ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كېسەللىكتىنمۇ سەزگۈر. ئەكسىچە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىنكاس پاتولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق، ئۇيقۇ كەمچىل بولۇش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر