تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلەمدۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن: بەدەندە نىكوتىن ئازىيىدۇ، بەدەندىكى بارلىق ئايلىنىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قول ۋە پۇتتا ياخشىلىنىش گەۋدىلىك بولىدۇ.

تاماكا تاشلاپ 8 سائەتتىن كېيىن: قاندىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭكىگە تەڭلىشىدۇ، كاربون تۆت ئوكسىد %50 ئازىيىدۇ.

تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن: تاماكا تاشلاشنىڭ يۈرەك، قان بېسىم ۋە قانغا بېرىدىغان پايدىسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، تاماكا تاشلاپ 1 يىلدىن كېيىن تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش خەتىرى %50 تۆۋەنلەيدۇ.

تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن: بەدەندىكى نىكوتىن تولۇق يوقايدۇ، تەم سېزىمى ۋە پۇراش سېزىمى ياخشىلىنىدۇ.

تاماكا تاشلاپ 72 سائەتتىن كېيىن: نەپەس تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ، ئومۇمىي روھىي ھالەتتە مۇئەييەن ياخشىلىنىش بولىدۇ.

تاماكا تاشلاپ 9 ئايدىن كېيىن: بارلىق نەپەس مەسلىلىرىدە ياخشىلىنىش بولىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى %10 كۈچىيىدۇ.

تاماكا تاشلاپ 5 يىلدىن كېيىن: سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاجىزلاپ، ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىگە باراۋەرلىشىدۇ.

تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن: ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %50 تۆۋەنلەيدۇ.

تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن: تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئەزەلدىن تاماكا چەكمىگەنلەرنىڭكىگە تەڭلىشىدۇ، بۇ كېسەل سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمىگەنلەرنىڭكىگە باراۋەرلىشىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر