بېسىمنى يەڭگىلىتىش

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

بېسىم – 21-ئەسىردىكى ئورتاق كېسەللىك، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، بېلىشىمىزچە %80 كېسەللىكنى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم بەدىنى مەلۇم بېسىمنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، بىراق بېسىم ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ياكى تەكرار بولۇپ كەتسە بەدەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ-دە، بىز خەۋپلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولىمىز. ئەگەر تەن ساپايىمنى ئۆزگەرتىمەن دېسىڭىز، چوقۇم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ھەددىدىن زىيادە بېسىمدىن يىراق تۇرۇڭ. تۇرمۇش ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما سىز تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، تۇرمۇشقا قانداق ئاۋاز قوشۇشنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: ئەنسىرەش، خاتىرجەمسىزلىنىش ۋە قورقۇش قاتارلىقلار بېسىم ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بىز تۇرمۇشقا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىشنى تاللىساق بولىدۇ.

ھەددىدىن زىيادە بېسىم بىزنىڭ تېنىمىزدە ھىدرو كورتىزون پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر بۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، خۇددى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغاندەك، تۇرمۇشنىڭ تېزلەتكۈچىسىنى قانچە كۈچەپ دەسسەپ، قانچە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرساق بېسىم شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ. كىشىلەر دەم ئېلىشنى بىلمىسە، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشنى بىلمىسە، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تېز پويىزىدا ئاپەت كۆرۈلمەي قالمايدۇ. ئەگەر سىز كىشىلەردىن ئالدىراشمۇ دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار « شۇندق » دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ، ئەمما ھەممىدىن قىزىقارلىقى، پويىزنىڭ رېلىسىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىدىغىنى يەنىىلا شۇلار ئكزلىرى، ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ تولىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارىتا ئەزەلدىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق دەپ قارايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئۆمۈرنى ئىسراپ قىلغانلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن ھاماقەتلىك.

ھىدرو كورتىزوننىڭ بەدەنگە قانداق تەسىرى بار؟ ئۇ يۈرەكنىڭ سېلىش ھەرىكىتىنى ئادەتتىكىدىن تۆت ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۆپكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھىدرو كورتىزوننىڭ قان تومۇرلارغا بولغان بېسىمى كۈچلۈك، قان بېسىمنى ئەڭ خەۋپلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىدىن ئادەمنىڭ ئاغزى قۇرۇپ، تىلى يىرىكلىشىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ ھەرىكىتى توختايدۇ، چىرايى سارغىيىدۇ، ئىممونىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىدۇ. ئۇ ئۇيقۇغىمۇ زىيان سالىدۇ، جىنسىي تەلەپ ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە يارا-شىرىقلار چىقسا ئاسان ساقايمايدۇ، بۇ چىش مىلىكى ياللۇغى، تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىپ، ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى تېز تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ۋە ئەقلىي تەپەككۈر ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ قىسمەن چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى تارايتىپ، ھەددىدىن زىيادە تويۇپ يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىزگە مەلۇم، نۇرغۇن كىشىلەر بېسىم ھېس قىلغاندا يەپ تويمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ، مانا بۇ بىز يۇقىرىدا ئېيتقان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، كىشىلەر ئېغىر بېسىم ھېس قىلغاندا يېمەكلىكتىن تەسەللى ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن.

ئاڭلانماققا نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق-ھە! سىز كىشىلەر تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ «زەھەر » دىن ئۆزىنى تارتىدۇ دەپ ھېس قىلىسىز، ۋاھالەنكى بىز ھەركۈنى ئۆزىمىزنى ھەدەپ زەھەرلەۋەتىمىز، شەخسەن ئۆزۈممۇ بۇ ئادەتكە ئۇزۇن يىل خۇمار بولۇپ قالغان. شۇڭا، بىز بېسىمننىڭ دەرىجىسىنى كونترول قىلىشنى بىلىشىمىز كېرەك. سىز بېسىمغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان ۋاقىتتا ھىدروكونرتىزون ئاز-تولا ئەسقاتىدۇ، مەسىلەن: يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنا ئۇدۇل ئالدىڭىزغا كېلىپ قالسا ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز، ھىدروكورتىزوندىكى بارلىق فىزىكىلىق ئۈنۈم ئادەمتېنىدە يۈز بېرىدۇ، خەتەر ئۆتۈپ كېتىپ بېسىم چۈشسە، بەدەن يەنە ئەسلىي نورمال ھەلىتىگە قايتىدۇ. ئەگەر بېسىم ئۇزۇنغىچە يوقالمىسا، ئۇ بەدىنىڭىزنى خورىتىپ بارىدۇ. ئادەم ئۇزاق مەزگىل بېسىم ئاستىدا ياشىسا، سالامەتلىكنى ساقلاش مۇمكىن ئەمەس. ھازىردىن باشلاپ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ! شۇنداق قىلسىڭىز 60 ~ 50 ياشلاردىمۇ جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىڭىزنى كەتمەي ياش تۇرىسىز.

ئەگەر سالامەتكىڭىزگە ئۇزۇن يىل زىيان سالغان بولسىڭىز، خىلمۇ خىل كېسەللىك ئازابىنى تارتىپ، قاتتىق ھېرىپ-چارچاپ، ھالسىزلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھەرگىز ئەمدى كېچىكتىمدەپ قارىماڭ. دەرھال ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، سىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ھەربىر توغرا تاللىشىڭىز ئىلگىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدۇ، باشلىسىڭىزلا مەڭگۈ كېچىككەن بولمايسىز.

بېسىمنىڭ كېلىش مەنبەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش مانا شۇنچىلىكلا ئاددىي. ئەگەر سىز ئۇنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتسىڭىز، ئۆزگەرتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بىزنىڭ بېسىم ئاستىدا ياشاش سەۋەبلىرىمىز سان-ساناقسىز بولسىمۇ، ئەمما سىز راستلا خالىسىڭىز تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن بېسىملەرنى تۈگىتەلەيسىز.

دون كولبېرت دوختۇر ساغلاملىقنىڭ 7 چوڭ تۆۋرۈكىنى كۆرسەتكەن، بۇلار ئاددىي، ئادەتتىكى ئىشلار، بىراق ئۇنى ساغلام تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرساقلا ئۇ بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

1.سۇنى كۆپ ئىچىڭ

مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە بىز ھەركۈنى بەدەن ئېغىرلىقىمىزنىڭ يېرىمىغا باراۋەر سۇ ئىچىشىمىز كېرەك.

2. قېنىپ ئۇخلاش ۋە ياخشى دەم ئېلىڭ

ھەركۈنى 8 ~ 7 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

3. يۇقۇرى سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەڭ

دون كولبېرت دوختۇر يۇقۇرى سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى «ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېمەكلىكلەر » دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن: بېلىق، توخۇ گۆشى، توخۇ پاچىقى ۋە ياغ تەركىبى تۆۋەن قارا گۆشلەرنى يەڭ.

4. ھەرىكەت

ھەرىكەتنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ناھايىتى كۆپ. ئەگەر سىزمۇ زىلۋا بەدەن بولۇشنى ئەمەس ساغلاملىقنى كۆزدە تۇتسىڭىز، ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

5. ئوزۇقلۇق بۇيۇملار

ھەممە ئادەمنىڭ ۋىتامىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن. ئەمما بۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. ھەركۈنى ئاز دېگەندە بىرخىل مۇرەككەپ ۋىتامىن،

ۋىتامىن D ۋە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشنى ئونۇتماڭ. تاتلىقلارنى ئاز-ساز يەڭ.

6. بەدەندىكى توكسىنلارنى ھەيدەڭ

ھەممىمىزنىڭ بەدىنىدە توكسىن بولىدۇ، ئۇنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ھەيدەپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بەزىلىرىنى نەپەس ئارقىلىق چىقىرىۋەتكىلى بولسا، يەنە بەزى توكسىنلارنى بۆرەك، ئۈچەي ئارقىلىق ھەيدەشكە

توغرا كېلىدۇ، ئادەم ھەرىكەت قىلغاندا تەرلەيدۇ، بۇمۇ توكسىننى ھەيدەشتىكى ياخشى بىر ئۇسۇل.

7. بېسىمغا تاقابىل تۇرۇڭ

تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. سىز ساغلاملىق توغرىسىدىكى كۆپ خىل ئادەتلەرنى يېتىلدۈرسىڭىز، ئاندىن ئەڭ ياخشى ساغلاملىق ھالىتىگە يەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ پىيادە چوڭ مېڭىڭ. ھەرىكىتىڭىزنى بۈگۈندىن باشلاڭ ! ساغلام، ھاياتىي كۈچكە تولغان كىشىلىك ھاياتنى قۇچاقلاڭ !!!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر