گېنى كەمتۈك كىشىلەر ھاراق ئىچسە يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/08/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

مۇشۇ يىلى 4-ئايدا The Lancet ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىسى «The Lancet: <مۇۋاپىق> ھاراق ئىچىشنىڭ ئېلىپ كەلگەن خەۋپى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ئېشىپ كەتتى»دا مۇۋاپىق ھاراق ئىچىشمۇ بىر تۈركۈم يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ھازىر، بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خاتالىق كېلىپ چىققان تىتىن گېنى (titin) ئىسپىرت بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ، بۇ خىل گېننى ئېلىپ يۈرگۈچى ئادەمنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن، پەقەت ئاز مىقداردا ئىسپىرت بولغان تەقدىردىمۇ، نەتىجىسى ئوخشاش بولىدىكەن.


تەتقىقات ماقالىسىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى دوكتۇر جامېس (James Ware) مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز كۆرۈنەرلىك ھالدا شۇنى كۆرسەتتىكى، ئىسپىرت ۋە گېن ئۆزئارا تەسىرى قىلىشىدۇ، ئېرسىيەت ئامىلى ۋە ئىسپىرىتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئورتاق رول ئويناپ، يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە، كىشىلەر بۇ كېسەللىكنى كۆپ مىقداردا ئىسپىرت كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، بۇ بىمارلارمۇ گېن تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، مەسىلەن ئائىلە كېسەللىك تارىخى، گېن كەمتۈكلۈكى، شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى قاتارلىقلار.»


ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى دۆلەتلىك يۈرەك-ئۆپكە تەتقىقات ئورنىدىكى دوكتۇر پائۇل (Paul Barton) تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپىرتنىڭ قانداق قىلىپ كەمتۈك گېن تىتىن بولغان، لېكىن يۈرىكىدە مەسىلە يوق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە موھتاجمىز. ئىسپىرت بىلەن يۈرەك ئارىسىدا مۇرەككەپ مۇناسىۋەت مەۋجۇت. بۇ تەتقىقات شۇنى كۆرسەتتىكى، گېن خاتالىقى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسپرىت كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: يۈرەككە بېسىم ئىشلەتكەن ئەھۋالغا يۈزلەنگەندە، تىتىن گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئاسان يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلامدۇ؟ مەسىلەن راك كېسىلى دورىسى ياكى بىر قىسىم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار. بۇ دەل بىزنىڭ ھازىر پائال ئىزدىنىپ ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىمىز.»

مەنبە : نۇر تورى تەرجىمىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر