تۆۋەن ناترىيلىق تۇز راستتىنلا «جان ئالغۇچى تۇز» مۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/08/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

دېڭىز تۇزى، قۇدۇق تۇزى، سىنىك قوشۇلغان تۇز قاتارلىق ھەرخىل-ھەرياڭزا يېمەكلىك تۇزىدىن كېيىن، يەنە تۆۋەن ناترىيلىق تۇز دۇنياغا كەلدى.

تۆۋەن ناترىيلىق تۇز زادى قانداق تۇز؟

ئۇ راستتىنلا «جان ئالغۇچى تۇز» مۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ  ئىنچىكە تەھلىلىنى ئاڭلاڭ.

تۆۋەن ناترىيلىق تۇز دېگەن نېمە؟

تۆۋەن ناترىيلىق تۇز، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۇز، يۇيۇلۇپ ئۇۋىتىلغان تۇز، ئاپتاپقا قاقلانغان تۇز قاتارلىق بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تۇزنى خام ئەشيا قىلىنغان، ناترىي ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىلىپ، دۆلەت ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان يېمەكلىك خۇرۇچى قوشۇپ (مەسىلەن، كالىي خلورىد) پىششىقلاش ئارقىلىق ياسالغان يېمەكلىك تۇزى.

«يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يېمەكلىك تۇزى» دا، ھەر 100 گرام تۆۋەن ناترىيلىق تۇزدا، كالىي خىلورىد مىقدارى % 35 ~ % 10 بولۇشى، ناترىي خلورىد مىقدارى % 90 ~ % 65 بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. (ئادەتتىكى تۇزدا ناترىي خىلورىد مىقدارى ئادەتتە % 97 تىن يۇقىرى)

ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشنى كۆرۈپ، ئەسلىدە تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنىڭ ئۇنچە سىرلىق ئەمەسلىكىنى بايقىدىڭىزمۇ؟

ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەن ناترىيلىق تۇزدىكى بىر قىسىم كالىي خلورىد ناترىي خلورىدنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، ئاش تۇزىدىكى ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئازايتىلغان.        

بەزى دوستلار، بىزدە ئاللىقاچان يود قوشۇلغان تۇز، سىنىك قوشۇلغان تۇز، سېلېن قوشۇلغان تۇز، قاتارلىق تۈرى كۆپ بولغان تۇز بار، نېمىشقا يەنە تۆۋەن ناترىيلىق تۇز بارلىققا كېلىدۇ؟ بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن!

تۆۋەن ناترىيلىق  تۇزنىڭ قانداق ئۈنۈمى بار؟

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش قوللانمىسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، سۈمۈرۈلگەن ناترىينىڭ ئارتىپ كېتىشى ياكى كالىينىڭ كەمچىل بولۇشى ھەممىسى يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كالىينىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كۆپىيىشى چوڭلارنىڭ ئارتىرىيە تومۇر بېسىمى بىلەن ۋېنا تۇمۇرنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭدەك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سەكتە ۋە تاجسىمان يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى ئازايتىدۇ.

ئۇندىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ناترىي قوبۇل قىلىشى ئاساسلىقى  تۇزدىن كېلىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ، تۆۋەن ناترىيلىق  تۇز بولسا ناترىينىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئازايتىپ، كالىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش.

ئەنئەنىۋى ئاش تۇزى (ناترىي خىلورىد مىقدارى %94 تىن يۇقىرى) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا تەسىر قىلىش ئۈنۈمى بار، ئۇ يېمەكلىك تۇز تەركىبىدىكى ناترىي خلورىدنىڭ مىقدارى ئازايتىشن بىر ۋاقىتتا، كالىينىڭ مىقدارىنى ئاشۇردى، لېكىن يەنىلا تۇزلۇق تەم بىلەن ئەنئەنىۋى ئاش تۇزى تەمى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر توپى بىر قەدەر ئىتائەتلىك بولۇپ ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى، شۇنداقلا ناترىي تەركىۋى يۇقىرى، كالىي تەركىۋى تۆۋەن بولغان يىمەك - ئىچمەك ئادىتىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە، پەقەت جۇڭگودا ئەمەس، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاللىبۇرۇن بۇ خىل تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنى ئىشلەتكەن.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى، ئەنگلىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئارقا-ئارقىدىن سىياسەت يولغا قويۇلۇپ، تۆۋەن ناترىيلىق  تۇز ئىستېمال قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.

تۆۋەن ناترىيلىق شۇنچىۋالا ياخشىكەن، ئەمسە يەنە نىمىشقا بىرقىسىم كىشىلەر تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنى ئىستېمال قىلىش يۇقىرى كالىيلىق ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدۇ، ئۇ راستىنلا راستتىنلا «جان ئالغۇچى تۇز» مۇ؟

گەرچە تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنىڭ نۇرغۇنلىغان ياخشى تەرەپلىرى بولسىمۇ، لىكىن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك كىشىلەر تۆۋەن ناترىيلىق تۇزنى ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.

ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر تۆۋەن ناترىيلىق تۇز ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟

① تەنھەرىكەتچى، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار ياكى نەم مۇھىتتا مەشغۇلات قىلىدىغان كىشىلەر، چۈنكى تەرنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كېتىشى بىر قىسىم ناترىي قاتارلىق ئېلېكترونلارنى ئېلىپ كېتىپ، تۆۋەن ناترىيلىق قان كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

② بۆرەك كېسىلى بارلار، بولۇپمۇ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق بۆرەكنىڭ كالىي چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار كۆپ مىقداردىكى كالىينى چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز بولۇپ، قاندىكى كالىي مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ.

③ ئالاھىدە قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى مەسىلەن، كالىينى ساقلاپ سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار، ئانگىئوتېنسىن ئالماشتۇرۇش پېرمىنىتنى تورمۇزلىغۇچى ياسالمىلىرى قاتارلىق كالىي تىزگىنلەيدىغان، ياكى بۆرەك ئۇششاق نەيچىلىرىنىڭ ناترىي بىلەن كالىي ئالماشتۇرۇشنى چەكلەش رولىنى ئۈتەپ قاندىكى كالى مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان يۇقىرى قان بېسىمى دورىسى ئىچىۋاتقانلار، دوختۇرنىڭ پىكرىنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ.

يۇقىرى كالىيلىق قان كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، بۆرەكنىڭ كالىي چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار ياكى كالىيلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقانلار كىشىلەر.

ئەمەلىيەتتە، پەقەت بەدەن ئىقتىدارى نورمال بولسىلا بەدەندىكى ئارتۇق كالىي، بەدەننىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ماددا ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىدۇ.

مەيلى قايسى خىل تۇز ئىستېمال قىلىڭ، ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك!

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر