بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىڭىزدە دىيابېت كېسىلى بار-يوقلىقىنى بىلىۋېلىڭ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/09/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ساغلاملىق سالونى خەۋىرى:

جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى ئاستا خارەكتېرلىك يۇقۇملانمايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى دۆلىتىمىزدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئارىسدا دىيابېت بىمارلىرى %10.4نى ئىگەللىگەن بولۇپ، توققۇز، ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسى دىيابېت كېسىلى چىققان، بۇ سان خېلىلا يۇقىرى. نۇرغۇن دىيابېت بىمارلىرىدا كۆرۈنەرلىك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپمۇ نەچچە يىلغىچە ئۆزىنىڭ بىمار ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىكەن، دىيابېت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلگەندە ھەممىگە كېچىككەن بولىدۇ، يېنىڭىزدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆرگەندە، مەندىمۇ دىيابېت كېسىلى بارمىدۇ دەپ ئۆزىڭىزدىن گۇمان قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟

دىيابېت كېسىلىنىڭ ئۆزىڭىزدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، «جۇڭگو دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» ئارقىلىق تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:

1.بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى ھېساپلاش.

2.فورمىلاغا ئاساسەن بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى (BMI)نى ھېساپلاش، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىلو سانىنى مېتىرنى بىرلىك قىلغان بوي ئېگىزلىكىنىڭ كىۋادىراتىغا بۆلگەنگە تەڭ.

3.بەل ئايلانمىسىنى ئۆلچەش، بەل ئايلانمىسىنى ئۆلچىگەن ۋاقىتتا تۈز تۇرۇش، ئىككى بېلىكىنى تەبىئىي چۈشۈرۈپ تۇرۇش، قورسىقىنى ئىچىگە تىقىۋالماسلىق، نورمال نەپەس ئېلىش، ئۆلچىگەندە يېنىك ئۆلچەش، بەك سىقىپ ئۆلچىمەسلىك كېرەك.

4.ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كەلگەن تاللاشلارغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇش.

5.جەدۋەلدىكى ئالتە مەزمۇننىڭ نومۇرىنى قوشۇپ ئومۇمىي نومۇرغا ئېرىشىش.

6.ئۆزىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بار-يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنىڭ نومۇرى 25 نومۇر بولۇپ، ئومۇمىي نومۇرى 25 نومۇر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولۇپ، بۇرۇن دوختۇرخانغىا بېرىپ تەكشۈرتۈش، كېسەللىكنى بۇرۇن بايقاپ بۇرۇن داۋالاش قىلىش كېرەك.

كۆپ قىسىم دىيابېت كېسىلىنى بۇرۇن بايقاپ بۇرۇن كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، نورمال بەدەن چېنىقتۇرۇش، نورمال بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش دىيابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دىيابېت كېسىلىدە ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر