قەۋزىيەتنى داۋالايدىغان ۋىتامىنلار

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/09/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

  ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

ئاياللارنىڭ چوڭ دۈشمىنى –قەۋزىيەت قەۋزىيەت كۆپ ساندىكى ئاياللارنى بەكمۇ تەڭلىكتە قويىدىغان كېسەللىكتۇر. قەۋزىيەتنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى بىلسەكلا، نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىنتايىن ئاسانلا قەۋزىيەتكە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئاسان بولىدۇ. ئاياللارنىڭ قورساق مۇسۇلى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاجىز بولۇپ، گەندىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا سىرتقا چىقىرىۋېتەلمەيدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىدىكى ئالدىنقى سەۋەبتۇر.
   بەزى چاغلاردا ئۇلار ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بەزى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چوڭ تەرەتقىلىشنىڭ مۇۋاپىق پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قالىدۇ. ناھايىتى تەسلىكتە چوڭ تەرەت قىلىش ئىستىكى پەيدا بولسىمۇ، ئەمما ھاجەتخانىغا كىرسە كۆپ ۋاقىتنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ-دە، تەرەت قىلماي چىداپ تۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەزى ئاياللار بولسا ئۇزۇن مەزگىل ئورۇقلىماقچى بولۇپ يۈرگەنلىكتىن، بەدىنىدە گەندە شەكىللەندۈرىدىغان ماددىلار ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇمۇ قەۋزىيەت پەيدا بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
   ئادەم بەدىنىدە ئىلگىرى قەۋزىيەت بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولسا، ناھايىتى ئاسانلا ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ، دورا ئىشلىتىپ تەرەت چىقىرىش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق دورا ئىشلىتىپ تىزگىنلەپ تۇرمىغاندا، تەرەت چىقىرىشقا يەنە قىيىنلىشىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل سۈرگە دورىسى ئىشلىتىپ تەرەت چىقىرشنى ئىلگىرى سۈرگەندە، دورا ئىشلىتىش مىقدارى بارغانسېرى چوڭ بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۈچەيدە مەزكۇر دورىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت پەيدا بولۇپ، تەرەت چىقىرىقا ياردەم بېرىش ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.


   قەۋزىيەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئارىسىدا، بەزىلەرنىڭ قەۋزىيەت بولۇش تارىخى ھەتتا نەچچە ئون يىلغا يېتىدۇ، بۇ خىل بىمارلارنىڭ چوڭ ئۈچىيىدە ئادەت خاراكتېرلىك نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلار يىغىلىپ قالغان بولىدۇ، ئەگەر بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، تېزدىن ھەل قىلىش چارىسىنى تاپمايدىغان بولسا، ھامان بىر كۈنى چوڭ بالايىقازا كېلىپ چىقىدۇ.
 بېسىمدىن كېلىپ چىققان زىيادە سېزىمچانلىق ئۈچەي يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى
   يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بېسىمنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيادە سېزىمچانلىق ئۈچەي يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى خىزمەچىلار ئارىسىدا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارماقتا. بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە گىرىپتار بولغانلاردىكى كېسەللىك ئالامىتىدىن پەرقلىنىدۇ.
   زىيادە بېسىمغا ئۇچراش، قانۇنىيەتسىز تۇرمۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەت، ئۈچەينىىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن ئەمەس.
   ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئادەمدە تەرەت قىلىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ، ھالبۇكى ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان نېرۋا بولسا ئۈچەينىڭ
لۆمۈلدىشىنى تىزگىنلەيدىغان، تەڭشەيدىغان مۇھىم سىستېمىدىن ئىبارەت. بېسىم زىيادە ئېغىر بولسا، ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان نېرۋىنىڭ فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىپ، بوغماق ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش ( ئىسپازما ) ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ-دە، قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.
   ئادەت قەۋزىيەت بىلەن ئىچ سۈرۈش نۆۋەت بىلەن پەيدا بولىدۇ، قەۋزىيەتكە گىرىپتار بولغانلار قاچان تەرەت قىلغۇسى كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئازاب ۋە توسالغۇغا دۇچار بولىدۇ. سىز گىرىپتار بولغان قەۋزىيەتنىڭ قايسى خىلىدىكى قەۋزىيەت ئىكەنلىكىدىن قەتئىنەزەر، ۋىتامىن C نىڭى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشاشلا داۋالا ئۈنۈمى بولىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ تۈرلىرى
1-بوشاشماي قەۋزىيەت ( بوغماق ئۈچەي مەنبەلىك قەۋزىيەت ) چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، گەندىنى ئاسانلىقچە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتەلمەسلىكتىن پەيدا بولىدۇ.
2- ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت ( تۈز ئۈچەي مەنبەلىك قەۋزىيەت ) دائىم تەرەتنى قىسىۋېلىش تۈز ئۈچەي سېزىمىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمدە قىلچىمۇ تەرەت قىلىش ئىستىكى بولماسلىققا سەۋەب بولىدۇ-دە، مۇشۇ خىلدىكى قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.
3- تارتىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەت  چوڭ ئۈچەينىڭ جىددىيلىشىشى ۋە لۆمۈلدىشىنىڭ زىيادە جانلىنىشى گەندىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بەدەن سىتىغا چىقىرىۋېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ-دە، بۇ خىل قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.
 


ۋىتامىن C
   ۋىتامىن C نى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ۋىتامىن C نى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ۋىتامىن C نىڭ « تەرەت » نى راۋانلاشتۇرۇش رولىنىڭ بولغانلىقىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولسا، قەۋزىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
   بۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن  C ئادەم بەدىنىنىڭ بېسىمغا چىداشلىق بېىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ زىيادە سېزىمچانلىق ئۈچەي يىىندى كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك. بىمار ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن، بىر گرام ۋىتامىن C تابلىتكىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ ياكى ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ  ۋىتامىن  نىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
   گەرچە ۋىتامىن C نىڭ تەرەت قىلىشقا ياردەم  بېرىش رولى بولسىمۇ، ئەمما قەۋزىيەتنى داۋالاشتا ئەڭ ئۈنۈملۈكى يەنىلا يېمەكلىك تالاسىدۇر. تەركىبىدە تالا بار مېۋە-چىۋە، كۆكتات، موگۇ، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلانسىڭىز، ئاندىن بۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردىكى ۋىتامىن C نى ماسلاشتۇرسىڭىز، قەۋزىيەتنىڭ باش قېتىنچىلىقى ۋە ئازابىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيسىز.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر