چىرىگەن چىش دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/10/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

چىرىگەن چىش ئېغىز تىلىدا قۇرت يېگەن چىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ باكتېرىيە ۋە باشقا سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن چىش توقۇلمىلىرىدا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. چىشنىڭ چىرىشى چىشلارنىڭ كاۋاكلىشىشىنى، چىش مىلىكى توقۇلمىسى ۋە يىلتىز ئەتراپى توقۇلمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئېڭەك سۆڭىكىنى ياللۇغلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يىلىك ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېزىق چىشتا ئەڭ ئاسان چىرىش كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ئاستىنقى، بىرىنچى، ئىككىنچى ئېزىق چىش بىلەن ئۈستۈنكى بىرىنچى، ئىككىنچى ئېزىق چىش ئوڭاي چىرىدۇ. ئاستى- ئۈستى ئىككىنچى ئۇچلۇق چىش بىلەن ئۈستۈنكى يان قوزۇق چىشلاردىمۇ چىرىش كېسەللىكى ئاسان كۆرۈلىدۇ. كىلىنىكىدا چىش چىرىش كېسەللىكى چىشتىكى تېيىز- چوڭقۇرلۇق ئورنىغا قاراپ يۈزەكى قەۋەت چىرىش، ئوتتۇرا قەۋەت چىرىش ۋە چوڭقۇر قەۋەت چىرىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. يۈزەكى قەۋەت چىرىش كېسەللىكىدە چىرىگەن ئورۇن پەقەت چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدىلا چەكلىنىدۇ، كۆپىنچە ئادەم ئۆزى ھېس قىلالمايدۇ، چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئاقۇچ ياكى ساغۇچ، قارامتۇل رەڭلىك داغلار بولىدۇ، تەكشۈرۈش يىڭنىسى بىلەن تەكشۈرگەندە، يىرىك يۈزىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
ئوتتۇرا قەۋەت چىرىش كېسەللىكى: كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىشتا ئاللىبۇرۇن چوڭقۇر چىرىش شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىمارلار ئادەتتە سوغۇق، ئىسسىق، تاتلىق، ئاچچىق- چۈچۈك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلسا، بۇ نەرسىلەر چىشنى غىدىقلاپ چىشنى چىرىتىدۇ.


چىرىش: چىشنىڭ چىرىگەن كاۋىكى بىرقەدەر چوڭ ھەم چوڭقۇر بولىدۇ، بۇ چاغدا بىمارلار سوغۇق- ئىسسىق، تاتلىق، ئاچچىق- چۈچۈك نەرسىلەرنى يېگەندە چىرىگەن چىشنى قاتتىق غىدىقلاپ، چىشنى ئاغرىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىلىنىكىدا چىش چىرىش كېسەللىكىنىڭ ئەۋج ئېلىش سۈرئىتىگە ئاساسەن، چىش چىرىش كېسەللىكى ئاستا خاراكتېرلىك، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ۋە جاھىل خاراكتېرلىك دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. چىش چىرىش كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى مەقسەت- كېسەللىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كونترول قىلىپ، چىشنىڭ سىرتقى شەكلىنى ۋە رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چىش يىلىكىنىڭ نورمال ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق چىشنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ، پۈتۈن بەدەنلىك ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: قىرىش، دورىلىق داۋالاش، قايتا مىنېراللىتىش، زاماسكىلاش ۋە رەتكە سېلىپ تۈزەش ئۇسۇللىرى قوللىنىدۇ.


1. يۈزەكى چىرىش: چىش ئەسلىي ماددىسى چىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا چىشنىڭ چىرىگەن پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى ئەسلىي ماددىسىغا يەتكەن بولىدۇ.
2. چوڭقۇر قەۋەت چىرىش: چىشنىڭ چىرىگەن پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى چىش ئەسلىي ماددىسى چوڭقۇر قەۋىتىگە، ھەتتا چىش مىلىكىگە يەتكەن بولىدۇ.
چىش چىرىش كېسەللىكى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
① بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. چىش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، كەمتۈكىنى ئۆزلۈكىدىن تۈزەش ئىقتىدارى بولمايدۇ. بۇ ئادەم تېنى توقۇلمىلىرىدىكى بىردىنبىر ئۆزلۈكىدىن تۈزەش ئىقتىدارى بولمىغان توقۇلما.
② داۋام قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە. ئەگەر پۈتۈن بەدەن كۆپ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندا، ھەر خىل دورا ياكى رېنتىگېن نۇرى بىلەن رادىيوئاكتىپلىق داۋالىسا، چىشنىڭ چىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا چىشلارمۇ بىرلا ۋاقىتتا چىرىيدىغان ياكى چىشنىڭ بارلىق يىلتىز ئۇچى چىرىيدىغان ھادىسە كۆرۈلىدۇ.
③ كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى. 1982-1984 يىللىرىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدە چىش چىرىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار 4 مىليونغا چىرىگەن چىش سانى 10 مىليونغا يەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە سۈت چىشىنىڭ چىرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان.
④ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ. چىش چىرىش كېسەللىكى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەردە ئورتاق بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت، رايون، مىللەتلەر، ئوخشىمىغان جىنس ۋە ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەردە ئوخشاشلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چىش چىرىش كېسەللىكىنى دۇنياۋى ئۈچ چوڭ كېسەللىكنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى.
⑤ قەدىمىي كېسەللىك. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ چىش چىرىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ، 250 مىڭ يىل ئىلگىرى لودېشالىقلار باش سۆڭىكىنىڭ تاشقا ئايلانغان پارچىسىدا چىرىگەن چىشنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى يەنشۇ قېزىپ چىققان چىغناق- تاغاق يېزىقىدا چىرىگەن چىش خاتىرىلەنگەن. شۇڭا، چىش چىرىش كېسەللىكى پەقەت ھازىرقى زاماندا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر