يەنە 12 يىلدىن كېيىن ئىنسانلار مەڭگۈ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

كېسەللىك، قېرىپ ئاجىزلاش، ئازاب، ئۈزۈل- كېسىل يوقالسا، ئىنسانلار مەڭگۈ ئۆلمەمدۇ؟
 

قېرىش ياكى ئاغرىق-سىلاق بىلەن ئۆلۈپ كېتىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن. ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى قانچىلىك زور، بايلىقى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى بۇ تەبىئىي قانۇنىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالماي ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ.

ئەمما يېقىندا، گوگولنىڭ كەلگۈسىشۇناس باش ئالىمى kurzweil  جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان خەۋەردىن بىرنى ئېلان قىلدى:


2029 -يىلغا بارغاندا، ئىنسانلار مەڭگۈ ياشاش سەپىرىنى باشلايدۇ.
2045 -يىلىغا بارغاندا، ئىنسانلار ھەققى مەڭگۈ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 

ئۆلۈم


بۇ ھەممە ئادەمنى ئەڭ ۋەھىمىگە سالىدىغان « قايتىش » دۇر.

12 يىلدىن كېيىن ئۆلۈم ئاخىرلىشىشقا باشلامدۇ؟

 


تارىختا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، چىنشخۇاڭ، چىڭگىزخان كەبى جاھان سورىغان ھۆكۈمدارلار، لوقمان ھەكىم، ئىبنى سىناغا ئوخشاش تېۋىپ-دوختۇرلار ئىزدەپ تاپالمىغان ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى «ئابىھايات» نى ئەجەبا كۈنىمىزدىكى ئالىملار تاپالارمۇ؟

گوگىلنىڭ باش ئىنژېنېرى: Ray Kurzweil

مېنىڭچە، 2029-يىلىغا بارغاندا، ئىنسانلار بىر كىرىتىك نۇقتىغا قەدەم قويىدۇ. ھەر  بىر يىلدا ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى بىر يىل ئۇزاتقىلى بولىدۇ، بۇنداق بولۇشى شۇ چاغدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
2029-يىل ئەتراپىغا بارغاندا، ئىنسانلارنىڭ ھەر يىلى ئۇزارتقان ئۆمۈرى ياشىغان ئۆمرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.

بەلكىم سىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆڭلىڭىزدە بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. يەنە 12 يىلدىن كېيىن، كىشىلەر « ئۆلمەسلىك سەپىرى » نى باشلايدۇ؟ بۇ بىر دۇنياۋى بىمەنە چاقچاق بوپتۇ، 12 يىل ئەمەس يەنە 120 يىلدىن كېيىنمۇ مۇمكىن ئەمەس، دېيىشىڭىز ئېنىق.

تۆۋەندىكى بەزى ئۇچۇرلار، بەلكىم سىزنىڭ بۇ ئىشەنچىڭىزنى تەۋرىتىپ قويۇشى مۇمكىن.

01
گۇگۇل مۇتەخەسسىسى « مەڭگۈ ئۆلمەسلىك » نى ئېلان قىلىپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.

ئالدى بىلەن، ئالىم Raykurzweil نى ئاددىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.
ئۇ ئامېرىكا كىرىمىنى جىلغىسى كەلگۈسىشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، كەشپىياتچى ئالىم، شۇنداقلا گوگولنىڭ باش ئىنژېنېرى.

ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى بىلگايتىس تەرىپىدىن « مەن بىلىدىغان سۈنئىي ئىدراك مۆلچەرلەش ساھەسىدىكى ئەڭ قالتىس ئادەم » دەپ تەرىپلەنگەن.

ئۇ ئەمالار ئوقۇش ماشىنىسى قاتارلىق بىر نەچچە چوڭ كەشپىياتلىرى بىلەن « ئېينىشتېيىننىڭ ئىز باسارى » دەپ تەرىپلەنگەن.

گەرچە ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ مۆلچەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشقا ئاشىدۇ دېيەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۆلچەرلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە دەل چىقىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

مەسىلەن:
ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ئىلگىرى، يەر شارى ئالاقە تورىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى، 21-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە، سىمسىز تورنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن. باشتا، ھېچقانچە ئادەم ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي، ئۇنى ساراڭ بوپتۇ دېگەن. چۈنكى ، ئۇ ۋاقىتلاردا كۆپىنچە ئادەملەر ئىنتېرنېت تورىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى.

تېخى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر سۈنئىي ئىدراكقا ئىشىنىدىغان يىللاردا، ئۇ شاھمات چېمپىيونىنىڭ بىر كومپيۇتېر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن.

1999-يىلى، ئۇ يەنە بىر قېتىم : يەنە 10 يىلدىن كېيىن، ئىنسانلار تىل ئارقىلىق كومپيۇتېرنى كونترول قىلىدۇ دېگەن.

2005-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ يەنە بىر قېتىم بېشارەت بېرىپ : تىل-يېزىقنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پەيدا بولغان توسالغۇ بولسا تىل تەرجىمە تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ھەل قىلىنىدۇ دېگەن.

ئۇنىڭ يۇقىرىقى مۆلچەرلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشتى.

ئۇنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتى [ How My Predictions Are Faring ] دا، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى مۆلچەرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىققان.

توغرىلىق نىسبىتى %86 يەتكەن.

02
ھاياتىدا ناھايىتى نۇرغۇن نەتىجە قازانغان ۋە كەلگۈسىشۇناسلىق جەھەتتىكى مۆلچەرلىرى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە توغرا چىقىدىغان  kurzweil نىڭ « مەڭگۈ ياشاش نەزەرىيەسى » كۆپلىگەن ئىلمىي نەزەرىيەلەرنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ.



نانومېتىر ماشىنا ئادىمى ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلسە، بۇنىڭدىن قورقۇمسىز؟

kurzweil نىڭ كۆرسىتىشىچە، 2020- يىلى ئەتراپىدا، ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى نانومېتىر ماشىنا ئادەم ( Nanorobot ) ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن.

يەنە ئارقىدىنلا، 2030-يىلىغا بارغاندا، نانومېتىر ماشىنا ئادەم كېسەل پەيدا قىلغۇچى، ئۆسمە قاتارلىق بىر قاتار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىدىكەن.

نۆۋەتتە نانومېتىر تېخنىكىسى نۇرغۇن ئالىملار تەرىپىدىن « ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى راكقا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى جەھەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇرالى » دەپ ئېتىراپ قىلىندى.

ئادەم بەدىنى پىروگراممىلاشتۇرۇلۇپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟

kurzweil نىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق، بەزى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە ھەيران قالارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەمەلگە ئاشتى. مەسىلەن: جانلىقلارنىڭ ئەزالىرىنى 3D پىرىنتېر ئارقىلىق ئارقىلىق نۇسخىلاش، ئەزا كۆپەيتىش قاتارلىق بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

kurzweil يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
بىيو پەن تېخنىكىسى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى كېرەكسىز كونا توقۇلمىلارنى خۇددى كومپيۇتېردىكى « ئەخلەت ساندۇقى » دەك پىروگرامما تۈزۈپ تازىلاپ، جانلىقلار فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ ئىلغارلىشىشى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا
جانلىقلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.

جانسىز سۈنئىي ئىدراك ئادەم مېڭىسىدىنمۇ ئىلغار بولۇپ، بۇنىڭغا تايىنىپ مەڭگۈ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

Kurzweilنىڭ « مەڭگۈ ياشاش » مۆلچەرى، جانسىز سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2045-يىلىغا بارغاندا، ئىنسانلارنىڭ جانسىز سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئۈزۈل-كېسىل مۇكەممەللىشىدىكەن، ھەتتا ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ئومۇمىي مىقدارىدىن بىر مىليارد ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن، شۇ چاغقا بارغاندا،
بۇ جانسىز سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى كۈچلۈك ئىجادچانلىقى بىلەن

ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

گۇگۇل باش ئىنژېنېرى : Ray kurzweil
ئىنسانلار يېقىن كەلگۈسىدە بارلىق بەدەن توقۇلمىسى، ئورگانىزملارنىڭ ئاكتىپلىقىغا قارىتا قايتىدىن تۈزىتىش ئېلىپ بارالايدۇ، بۇلارلا ئەمەس، يەنە مەلۇم خىلدىكى كېسەلگە قارىتا دورىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقالايدۇ.
بۇ كۈن پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ.

03
ئىنسانلار كېسەللىك، ئاغرىق ئازابى، روھىي چۈشكۈنلۈكتىن خوشلىشىپ، ئاداققىي بەختكە قاراپ يۈزلىنەلەمدۇ؟


ئويلاپ بېقىڭ: ئۇزۇنغا بارمىغان كەلگۈسىدە بىر تال ناھايىتى كىچىك بولغان نانومېتىر ماشىنا ئادەم بىزنىڭ بەدىنىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. قان تومۇر ئىچىدە بىزگە ۋاكالىتەن ئادەم تېنىدىكى تۈرلۈك فۇنكسىيەلىك پىروگراممىلارنىڭ توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇ نامومېتىر ماشىنا ئادەملىرى، زەخىمسىز ئۇسۇل ئارقىلىق بىزنىڭ بەدىنىمىزگە كىرگۈزۈلۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى 2.3 مىليون گېننى تۈزەيدۇ، ئادەم تېنىدىكى كەم بولغان گېننى تولۇقلايدۇ، مەسىلە چىققان ياكى كونا گېننى تازىلايدۇ.
بەزى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، مەسىلەن: ئۆپكە ئارتېرىيە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ تېنىدە مەلۇم گېننىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن مۇشۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل بىيو پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بىر تال گېن تەرتىپىنى قوشۇش ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
بۇندىن باشقا يەنە، بىيو -پەن تېخنىكىسى يەنە بىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمىز ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىمىزنى تىك سىزىق  بىلەن يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دېگەن چاقچاقلىرىمىز تېخىمۇ قىزىقارلىق، ئىجادىيەت ئىلھاملىرىمىز تېخىمۇ مول بولۇپ قالماي، يەنە قىز دوست تېپىش ماھارىتىمىزمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن
بىر خىل تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزىمىز مەيدانغا كېلىدۇ.


گۇگۇل باش ئىنژېنېرى : Ray Kurzweil
« كومپيۇتېر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ. كومپيۇتېر بىلەن سېلىشتۇرغاندا 100 مىليون ھەسسە ئاستا بولىدۇ. بىزنىڭ مېڭىمىزدىكى تەپەككۇر قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان توقۇلمىنىڭ ئىسمى < يېڭى پوستلاق ماددىسى > بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ تەخمىنەن 200 مىليون يىل ئىلگىرى غاجىلىغۇچى ھايۋاندا شەكىللەنگەن، غاجىلىغۇچى ھايۋان دەل ھازىرقى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردۇر.
دەل مۇشۇ < يېڭى پوستلاق ماددىسى > ئىنسانلارنىڭ يارىتىش كۈچىنى بەلگىلەيدۇ. سىز ئويلاپ بېقىڭ: شۇنچىلىك ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار نۇرغۇنلىغان ئوخشىمايدىغان تىللارنى ئىجاد قىلدى، مۇشۇ ئاساستا يۇمۇر، مۇزىكىلارنى بارلىققا كەلتۈردى.
يەنە ئويلاپ بېقىڭ: جانلىقلار بەدىنىنىڭ سۈنئىي ئىدراكقا ئىگە بولۇشى بىلەن،
بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز بۇلۇت تېخنىكىسى بىلەن ئۇلانسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن، مۇھىم ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەمدى ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.

 
كۆرۈپ مۇشۇ يەرگىچە كەلگەندە، بىز
ھەم ناھايىتى ھاياجانلىنىمىز يەنە ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمىز

ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسا، نەچچە مىليون يىل تەرەققىي قىلغان ئادەم مېڭىسى، بىر ئالما تېلېفونچىلىك ئىلغار ئەمەس.

خۇشاللىنارلىق تەرىپى شۇكى،
جانسىز سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ ئىلغارلىقى ئىنسانلارغا يېڭى ئىلھام ئەكېلىدۇ.

بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،
بۇ ئىنسانىيەت ياشاش پىروگراممىسىنى قايتا يېزىپ چىقىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىغا ئايلىنىپ قالغۇسى.


ئەمالار ئوقۇش ماشىنىسى، يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئوقۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ماس قەدەملىك تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى تىلى ئوخشاشمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئالاقىسىنى راۋان قىلدى.

 

بۇ ماشىنىلارنىڭ ئىجادكارى Kurzweil ئەپەندىنىڭ قارىشىچە:

ھازىر ئىنسانلار پەقەت بۇ خىل سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما كەلگۈسىدە،

ئىنسانلار بۇ خىل سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى بىلەن بىرىكىش ئارقىلىق، سۈنئىي ئىدراك بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ بىللە ياشايدىغان
ھەقىقىي مەنىدىكى مەڭگۈلۈك ياشاش ئىشقا ئاشىدۇ.


04
ئۆلمەسلىك ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ياشىشىمۇ ياكى يوقىلىشنىڭ باشلىنىشى


ھازىر 2018-يىلى، ئەگەر Kurzweil نىڭ گېپى ئەمەلگە ئاشسا، بۇ دېمەك 12 يىلدىن كېيىن، پۈتۈن ئىنسانلار « ئۆلمەسلىك يولى » غا قەدەم قويىدۇ.
ئەمما، تەبىئىي تاللىنىش قانۇنىدا، ماسلىشالىغانلار ھايات قېلىپ، ماسلىشالمىغانلار يوقىلىدۇ. بۇ بويىچە بولغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان تۈر ئەمدى چىقامدۇ؟

تېخى يېقىندا، Facebook دىكى ئىككى ماشىنا ئادەمنىڭ سۆزلەشكىنىنى Chatbots بايقاپ قالدى. ئۇلار ئىنسانلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئاسانلام ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى كەشىپ قىلىپ ئۆز-ئارا ئالاقىلەشكەن.
 
ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولغان بىز ئىنسانلار ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى قەتئىي چۈشىنەلمىدۇق.


بۇ كۈتۈلمىگەن بايقاش بىلەن، ماشىنا ئادەمگە بولغان كونترول ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەجرىبىخانىدىكى تەتقىقاتچىلار دەرھال بۇ ماشىنا ئادەمگە ئالاقىدار بارلىق تەتقىقاتلارنى توختاتتى.

يەنە بىر ئامېرىكا تەجرىبىخانىسىدا كەشىپ قىلىنغان ئىجتىمائىي ئالاقە تىپىدىكى ساھىبجامال ماشىنا ئادەم Sophia  ، بىر قېتىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىدە مۇنداق دېدى:
-مەن پۈتۈن ئىنسانلارنى يوقىتىمەن.


ئۇ يەنە،- ماشىنا ئادەم ئىنسانلار بىلەن بىرگە بۇ دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ، دەپ تولۇقلاپ قويدى.

شۇنىڭ بىلەن قاتتىق غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى. سۈنئىي ئىدراك گەرچە ئىنسانلارغا نۇرغۇنلىغان ئۆزى پەقەت ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەھدىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى
ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بەك ئەقىللىك!

Kurzweil ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
ئۆلۈم ھاياتىمىزغا مەنا ئاتا قىلىدۇ، ئۆلۈم بىزگە ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقى ۋە قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەگەر بىز بەك ئۇزاق ياشاپ كەتسەك، ۋاقىت ھېچنەرسىگە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بىز كېسەللىك، ئاغرىق ئازابى، بەختسىزلىك، مەغلۇبىيەت ... قاتارلىقلارغا يۈزلىنىمىز. لېكىن ئوخشاشلا بىزنىڭ ھاياتىمىزدا خۇشاللىق ۋە بەختىيار چاغلار بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈمگە يۈزلىنىمىز.

بۇ، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن بېكىتكەن نەچچە ئونمىڭ يىللاردىن بېرى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قانۇنىيىتى.

ئەگەر 12 يىلدىن كېيىن، سىز ۋە مەن مەڭگۈلۈك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالساق، زادى قانداق ئويلاردا بولىسىز؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر