دائىم تۇخۇم يېسەك زىيان قىلامدۇ؟ قانچىلىك يەيمىز؟ قانداق يەيمىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

كۆپىنچە كىشىلەر تۇخۇم يېيىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ھەر كۈنى تۇخۇم يېسە قان بېسىمى، قان قەنتى، قاندىكى ماي قاتارلىقلار ئۆرلەپ كېتەرمۇ دەپ قورقىدۇ. ھەر كۈنى تۇخۇم يېسە زادى پايدا قىلامدۇ زىيانمۇ؟ ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تۆۋەندە بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل كېسىل ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۇ مەزمۇننى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى سورايمىز.
 

بىرىنچى، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى كۆپ تۇرسا، ئەجەبا زىيان قىلماسمۇ؟

بىر تال تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى 290 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، تۇخۇم سېرىقىغا مەركەزلەشكەن. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم سېرىقىنى يېيىشكە پېتىنالمايدۇ. تۇخۇم سېرىقىنى كۆپ يېسە، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، قېنىمىزدىكى خولېستېرىن يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرىن، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرىن، ئىنتايىن تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرىن دەپ  3 خىلغا ئايرىلىدۇ. يۇقىرى زىچلىقتىكىسى ياخشى، تۆۋەن زىچلىقتىكىسى ناچار بولۇپ، ناچار خولېستېرىن قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننىڭ كېلىش مەنبەسى 2 خىل بولۇپ، بىرى بەدەن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن بىرىكىپ پەيدا بولىدۇ، يەنە بىرى يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ. كۆپ قىسىم يەنى %80-%70 خولېستېرىن بەدەندە يەنى جىگەردە بىرىكىپ ھاسىل بولىدۇ. ئاز بىر قىسىم خولېستېرىن يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ. بەدىنىمىز ناھايىتى ئەقىللىك بولۇپ، يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان خولېستېرىن مىقدارى ئازلاپ كەتسە، ئۆزى كۆپرەك بىرىكتۈرۈپ ھاسىل قىلىدۇ، ئەكسىچە يېتەرلىك بولسا، ئازراق بېرىكتۈرىدۇ.

گەپنى يىغساق، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارى ئارتىپ كېتىشنىڭ بىز يېگەن يېمەكلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس. شۇڭا، كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىغا چەكلىمە قويۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولغاچقا، ئامېرىكا ئېلان قىلغان يېڭى «ئىلمىي ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى» دە، خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىلگىرىكى ھەر كۈنى 300 مىللىگىرامدىن ئاز بولۇش كېرەك دېگەن چەكلىمىنى چېقىرىۋەتكەن.

ئۇنداقتا، خولېستېرىن مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى خالىغانچە يېسەك بولامدۇ؟

ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، ياغلىق گۆش، قايماق قاتارلىقلارغا ئوخشاش خولېستېرىن مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ساغلاملىققا زىيانلىق تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردا تويۇنغان ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنسا، قاندىكى ئەسكى خولېستېرىن سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى  كۆرسىتىلگەن.

ئەمما بۇ يەردىكى خۇشخەۋەر شۇكى، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن كۆپ بولغان بىلەن، تويۇنغان ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 1 تال تۇخۇم يەيدىغان ئادىتى بار كىشىلەرنىڭ يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرىلاپ كەتمەيدۇ.

ئىككىنچى، تۇخۇمنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى

1. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلايدۇ
ئاقسىل-بارلىق ھاياتلىقنىڭ ماددىي ئاساسى، ئۇماچ ۋە بولكا، نان قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇلما ھاسىل قىلىدۇ، زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى بىلەن ئادەم بەدىنى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىيولوگىيەلىك قىممىتىمۇ بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇندىن باشقا، تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈش، ئىشلىتىلىش نىسبىتىمۇ ئۇماچ ۋە بولكىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

2. تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ، ئورۇقلاشقا پايدىلىق
تۇخۇم ئورگانىزمنى يېتەرلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، تاماقتىن كېيىنكى تويۇنۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەركىبىدە تۇخۇم بار ناشتىلىقنى يېگەندە، ئادەمنىڭ تويۇنۇش تۇيغۇسى ئاشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇخۇمدىكى ئاقسىل ۋە ماي داۋاملىق مۇقىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، قورساقنىڭ توق تۇرۇش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتىدىكەن.

3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ
تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەركىبىدە مول لېتسىتىن، سىترول ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ۋە B تۈرىدىكى ۋىتامىن بار. تۇخۇمدىكى مول خىلىن ئاتسېتىلازا-چوڭ مېڭە نېرۋا توشۇغۇچى ماددىسىنى بىرىكتۈرىدىغان زۆرۈر ماددا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، زېھنى كۈچنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ناشتىدا بىر تال تۇخۇم يېيىش ناھايىتى زۆرۈر.

4. سەزگۈرلۈكنى ئۆستۈرىدۇ
تۇخۇم تەركىبىدە تىرۇسىن مول بولۇپ، ئادەمنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ، ئادەمنى تېخىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان قىلىدۇ. شۇڭا، شوپۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناشتىدا تۇخۇم يېيىش بىخەتەر ماشىنا ھەيدەشكە تېخىمۇ پايدىلىق.

5. كۆزنى ئاسرايدۇ
تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى كىستانتوفىل بىلەن قوناق فىلاۋىنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ.

5. قان قەنتىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇم دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بار ئىكەن. دىيابېت كېسەللىكى بىمارلىرى كۈندىلىك ئوزۇقلۇقىدا ئىككى دانە تۇخۇم يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا، يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلىشىش بىلەن بىرگە، يەنە قان قەنتى سەۋىيەسىنى كونترول قىلىش ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە بولىدىكەن.

ئۈچىنچى، تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
1. تۇخۇم يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك بولغاچقا، زىيادە كۆپ يېگەندە، مېتابولىزم چىقىرىندىلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

2. تۇخۇم تەركىبىدە خولېستېرىن كۆپ بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، خولېستېرىنلىق تاش پەيدا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ئۆتكە تاش چۈشكەن كىشىلەرگە تۇخۇمنى بولۇپمۇ مايدا قورۇلغان تۇخۇمنى ئاز ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

3. تۇخۇمنى خام يېگەندە، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، پاكىز بولمايدۇ. بىيوتىن كەمچىل بولۇشنى پەيدا قىلىپ، چاچ چۈشۈش ياكى دائىرىلىك ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. خام تۇخۇم ئىچىدىكى مىكروبلار ئورگانىزم ئىچىدە يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدۇ، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.

تۆتىنچى، تۇخۇمنى زادى قانچىلىك يېسەك مۇۋاپىق؟
ئوزۇقشۇناسلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارىغاندا، بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەكشى ۋە يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇخۇمنى تۆۋەندىكىدەك ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

1. ياشانغانلار ھەر كۈنى 2-1 دانە يېسە ياخشىراق
2. ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلار، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھەر كۈنى 2 دانە تۇخۇم يېسە بىرقەدەر مۇۋاپىق
3. ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار بويى ئۆسۈۋاتقان، ماددا ئالمىشىشى تېز بولغاچقا، ھەر كۈنى 2-3 دانە يېسىمۇ بولىدۇ.
4. ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق، ئېمىتىۋاتقان ئاياللار يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىلغا كۆپرەك ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ھەر كۈنى 3 دانە يېسىمۇ بولىدۇ، ئەمما زىيادە كۆپ يېيىشكىمۇ بولمايدۇ.

بەشىنچى، تۇخۇم قانداق يېگەندەك قۇۋۋەت بولىدۇ؟

يۈرەككە پايدىلىق رەت تەرتىپى
بىرىنچىسى، چەينەكتىكى سۇدا پىشۇرۇپ يېيىش.
بىر تېمىم ياغمۇ قوشماي، سۇنىڭ ھارارىتىنى يۇقىرى قىلماي، تۇخۇمدىكى خولېستېرىننى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچراشتۇرماي پىشۇرغاندا، يۈرەككە ئەڭ پايدىسى بولىدۇ. (خولېسترېن ئوكسىدلىنىپلا قالسا، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئەڭ زور تەھدىت بولىدۇ).

ئىككىنچىسى، سۇدا چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇش.

ئۈچىنچىسى، تۇخۇم-پالەك شورپىسى قىلىش ۋە ھوردا پىشۇرۇش.


تۆتىنچىسى، مايدا پۈتۈن پىشۇرۇش.

بەشىنچىسى، قاقلاپ پىشۇرۇش.
يەنى ياغنى ئاز قۇيۇپ، سۇس ئوتتا تۇخۇم پوشكىلى قىلغاندا، تۇخۇم سېرىقىدىكى خولېستېرىن بەك ئوكسىدلىنىپ كەتمەيدۇ.

ئالتىنچىسى، قورۇپ پىشۇرۇش.
تۇخۇمنى چېقىپ ئاندىن قورۇغاندا، تۇخۇم سېرىقىدىكى خولېستېرىن ھاۋا بىلەن بىر قەدەر تولۇق ئۇچرىشىپ، كۆپرەك ئوكسىدلىنىدۇ. تۇخۇم ماينى بەكرەك سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ياغمۇ جىقراق كېتىدۇ.

ۋىتامىننى ساقلاش رەت تەرتىپى


بىرىنچىسى، تۇخۇمنى چەينەكتىكى سۇدا پىشۇرۇش.

ھارارەتنى تۆۋەنرەك قىلغاندا، تۇخۇمدىكى ئوزۇقلۇق تولۇق ساقلىنىپ قالىدۇ.


ئىككىنچىسى، ھوردا پىشۇرۇش.

ھارارەتنى بىر قەدەر تۆۋەندە قىلغاندا، رىبوفىلاۋىن، كىسانتوفىل قاتارلىق سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار ئاز زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئۈچىنچىسى، چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇش.
ھارارەتنى بىر قەدەر تۆۋەندە قىلغاندا سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار ئاز زىيانغا ئۇچرايدۇ.

تۆتىنچىسى، چېقىپ پۈتۈن قورۇش.

ھارارەتنى يۇقىرى قىلغاندا، ۋىتامىن A، D، E، K قاتارلىق مايدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار ۋە سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىنلارنىڭ ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

بەشىنچىسى، قاقلاپ پىشۇرۇش.
ھارارەتنى يۇقىرى قىلغاندا، نۇرغۇن ۋىتامىنلار زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئالتىنچىسى، قورۇپ پىشۇرۇش.

ھارارەتنى يۇقىرى قىلغاندا، ۋىتامىنلار بىر قەدەر زور زىيانغا ئۇچرايدۇ.

 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر