قىزلار ياسىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى | ۋاقتى: 2012/04/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

بەزى كىچىك قىزلار چوڭلارنى دوراپ ياسىنىشنى ياخشى كۆرسە، يەنە بەزى كىچىك قىزلارنى  ئانىلىرى چوڭلارغا ئوخشىتىپ ياساپ قويىدۇ. كىچىك قىزلارنى چىرايلىق ياساشقا بولىدۇ، بىراق قىزلار ئۆسمۈرلۈك، ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلىدىكى ياسىنىشتا بەزى نوقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك .      
1. كالپۇكقا قىزىل، تىرناققا لاك سۈرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى كالپۇكقا سۈركەيدىغان قىزىلنىڭ ئاساسىي تەركىۋى قوي يۇڭى مېيى، موم ماددىسى ۋە بوياقتىن ئىبارەت. كىچىك قىزلار ئىشلەتگەن كالپۇك  بويايدىغان قىزىل گەرچە بىۋاستە زەھەرلىمىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە كالپۇكنىڭ زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كالپۇك يېرىلىش، قىزىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۇشى مۇمكىن. مايدا ئېرىيدىغان بۇ خىمىيىۋى ماددىلار ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە زەھەر پەيدا قىلىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەرەلسىز نەرسە يەيدىغان ئادىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، تىرناق بويايدىغان مايدىكى زىيانلىق ماددىلار ناھايىتى ئاسانلا ئۇلارنىڭ بەدىنىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن.
2. رەڭلىك كۆز ئەينەك تاقىماسلىقى كېرەك. رەڭلىك كۆزئەينەك كۆز گۆھىرى بىلەن كىرپىكسىمان مۇسكۇلنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۇراقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، تاقىغان كۆزئەينەك كۆز ئالمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈۈزىدۇ.
3. چاچنى بۈدۈر قىلماسلىقى كېرەك. كىچىك قىزلارنىڭ چېچى قويۇق ۋە ئىنچىكە ئۆسۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بۈدۈر قىلغاندا چاچ سارغىيىپ، چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ. ۋاقتىنچە ئوماق، چىرايلىق كۆرۈنگىنى  بىلەن  نەتىجە  ئۇنىڭ  ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چاچنى بۈدۈر قىلغاندا، باشنىڭ تېرىسى ئىسسىپ، مۈڭگۈز تېرە قەۋۋىتىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ھەتتا باش قىسمىدىكى تېرە كېسەللىكىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
4. ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيمەسلىكى كېرەك. فىزىئولوگىيەلىك نوقتىسىدىن قارىغاندا، قىزلار ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە سۆڭەكتىكى مېنىرال ماددىلارنىڭ  مىقدارى  ئاز، پۇتىدىكى پەي تالالىرى ئىنچىكە ۋە ئاجىز بولىدۇ. ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيگەندە، ئۇلارنىڭ ئوشۇق بوغۇمى زەخمىلىنىدۇ، بەدىنى ئالدىغا ئېگىلىپ نورمال ماڭغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ يۈگۈرگەن، سەكرىگەن ۋاقىتلاردا سۆڭەك بىلەن پەي ناھايىتى ئاسان زەخمىلىنىدۇ، ھەتتا مېيىپ بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقى بىرقانچە نوقتىدىن باشقا ، ھالقىلىق مەسىلە، كىچىك قىزلارنىڭ ياسىنىشى ئۇلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىشى، كۆركەم، چىرايلىق ھەم ئاددىي-ساددا، تەبىئىي بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر