ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا قورقۇنچاقلىق پسىخىكىسىنى بايقىغان ۋاقىتتا، ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن تەسەللىي بېرىشى، دەل ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نېمىدىن قورقىدىغانلىقىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كىيىن، بالا قورقىدىغان ئاشۇ نەرسىگە قارىتا ئىلمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
سوئال: بالىلار ھەر قانداق كىچىك ھايۋاننى كۆرسىلا قورقىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
جاۋاب: بالىنىڭ قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىغا ئاساسلىقى ئائىلە مۇھىتى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى كۆپرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىشى، ھەممە ئىشتا بالىغا چاپان يېپىشى قاتارلىقلار بالىنىڭ روھىي جەھەتتىن چېنىقىش پۇرسىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپ قويۇشى، بالىنى سىرتقا يالغۇز چىقارماسلىقى، بالىلىرىنىڭ تەڭتۇشلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلىشى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ؛ بەزىبىر ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشى قاتتىق بولۇپ كەتسە، بالىلاردا كۈن بويى ئېھتىيات قىلىش، دەككە-دۈككىدە بولۇش، ئالاقزادە بولۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. قورقۇنچاقلىق بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى توغرىلىشى، بالىغا ئىلمىي، توغرا بولغان تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىدىكى قورقۇنچاقلىق خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، بالىنى مۇستەقىل، قەيسەر خاراكتېرغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- كېيىنكىسى : بالىلاردىكى سەبىيلىك
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
