قانداق بالىلار بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ۋەتەن بلوگى | ۋاقتى: 2012/01/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ۋەتەن | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسى نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلارنى شۇنداقلا بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئەنسىرىتىۋاتقان ، گاڭگىرىتىپ قويىۋاتقان نازۇك ھەم تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . نەچچە يىللار ئىلگىرى تولۇقسىز يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدا شۇخىلدىكى مەسىلىلەر بايقالسا بۇنى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش دەپ قارايتتۇق، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ تەرەققىي قىلىپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىمۇ كۆرۇلۈشكە باشلىدى.
مەسىلە بولغان ئىكەن، ئۇنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىشىمىز، ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەك . مەنمۇ سەككىز يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا كۆپ مەزگىل سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلگەن بولغاچقا بۇ ھەقتىكى كۆپ مەسىلىلەرنى بىۋاستە كۈزىتىش ۋە ھەل قىلىش جەريانلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزدۇم .
بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسى زادى ئەخلاق مەسىلىسىمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەن سۇئالغا نۆۋەتتە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار : بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئەخلاق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پسىخىك مەسىلە دەپ ھۆكۈم چىقارماقتا، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇ خىل قاراشنى قۇۋەتلەيمەن، چۈنكى يات جىنىسقا ئىنتىلىش  -بۇ ئەزەلدىنلا ئادەمنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكى.

 


ھازىرقى مەسىلە شۇكى ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسىلىلىرىنى بايقىغاندا ، نۇقۇللا ئەخلاق مەسىلىسى دەپ قاراپ ، قوپال ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلشىقا ئۇرۇنماقتا، بۇ تونۇش ۋە ھەل قىلىش چارىسى تەرەپلەردىن قارىغاندا قوش خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار