بالىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇش ئۇنىڭ جىنسى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2012/01/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: تارىم | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: تارىم

ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، دائىم كاسسىغا ئۇرۇلىدىغان ياكى باشقا تۈردىكى تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن جىنسى ئىقتىدارىدىن مەسىلە چىقىش نىسبىتى زور نىسبەتتە ئۆرلەپ كېتىدىكەن.


 


ئامېرىكىنىڭ ‹كۈندىلىك ئىلىم-پەن› تورنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، مەزكۇر تەتقىقاتقا مەسئۇل بولغان سىېروس ئىپادە بىلدۈرۈپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ  4 تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجىسىگە كۆرە بالىنىڭ دائىم كاسىسىغا ئۇرغاندا ياكى باشقا تەن جازاسى بەرگەندە ئۇلاردا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك جىنسى مەسىلىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئاشىدىكەن .

1. گەپ سۆزلەر ياكى زوراۋانلىق ۋاستىلىرى ئارقىلىق قارىشى تەرەپ بىلەن ئاسانلا جىنسى مۇناسىۋەت يۈز بېرىدىكەن.

2. تويدىن بۇرۇنقى جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندون ئىشلەتمەسلىكتەك خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدىكەن.

3 .جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا دائىم قارىشى تەرەپنى خورلاش ياكى خورلىنىش كۆرۈلىدىكەن(جىنسى مۇناسىۋەتتە كاسىسىغا ئۇرغاندا ياكى باشقا تەن جازاسى بەرگەندە ئاندىن جىنسى ھەۋىسى ئويغىنىش).
ئۇشبۇ تەتقىقات نەتىجىسى 100دىن ئارتۇق تەتقىقات تۈرلىرىنى تەكشۈرۈشتىن كەلگەن بولۇپ، بالىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇش جىنسى زوراۋانلىق ۋە پىسخىكا نۇرمالسىزلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەن. %90 ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ كاسسىغا ئۇرىدىغان بولۇپ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى جىنسى زوراۋانلىق ۋە جەمئىيەت زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بالىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇش باشقا بالا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىغا قارىغاندا ئۇنچە بەك ئۈنۈملۈكمۇ ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر