بالىلار پسىخىكىسىدىكى 8 سىرنى ئېچىش

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/01/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ياسىنجان0997 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئوقۇشلۇق كۆرسەتمىسى: بەلكىم سىزمۇ بايقىغان بولىشىڭىز  مۇمكىن، كىچىك بالىلار دائىم كومىدىيە ئارتىسلىرىغا ئوخشاش بەزىدە كۈلۈپ بەزىدە يىغلايدۇ، يەنە بەزىدە خاپا بۇلۇپ قالغاندەك قىلىپ چىرايىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىدۇ. بالىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە بىلىدىغان سۆزلۈك مىقدارى ناھايىتى چەكلىك بولغانلىقتىن دېمەكچى بولغىنىنى مۇشۇنداق ئىپادىلەشكە مەجبۇر. بىز كۆپلىگەن بالىلار پسىخىكىسى ۋە پائالىيىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ «بالىلار پسىخىكا لۇغىتى» نى تۈزۈپ چىقتۇق، بۇنىڭ بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە خاپىلىق
بالىنىڭ ھەركىتى:
بىر ياشلىق بالىڭىز ئۆيگە كىرىپ سىز بايىلا قاتلاپ قويغان پاكىز كىيىملەرنى قالايمىقان قىلىشقا باشلايدۇ. سىز سىلىق ئاھاڭدا: «بالام، كىيىملەرگە چېقىلماڭ» دەيسىز، لېكىن بالىڭىز سىزگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ كىيىملەرنى داۋاملىق قالايمىقان قىلىۋېرىدۇ. سىز قاتتىقراق ئاھاڭدا «كىيملەردىن يىراق تۇرۇڭ» دەيسىز، لېكىن بالىڭىز خۇشال ھالدا كىيىملەرنى ئۇياق-بۇياققا تېپىشكە باشلايدۇ. سىز «جىم تۇرە!» دەپ توۋلايسىز، بالىڭىز ئۈمچىيىپ توختاپ قالىدۇ.
بالىنىڭ ئويلىغىنى:
«ئەگەر مېنى كىيىملەرنى قالايمىقا قىلمىسۇن دېسىڭىز <ئۇنداق قىلماڭ> دېسىڭزلا بولمىدىمۇ. سىزنىڭ <كىيىملەردىن يىراق تۇرۇڭ> دېگەن گېپىڭىز ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ ئىكەن، مەن چۈشەنمىدىم. يەنە بايا ئۆزىڭىز مۇشۇ كىيىملەرنى ئويناۋاتاتتىڭىزغۇ، مەن ئوينىسام نېمە بولۇپتۇ؟»

ئۇنداقتا، ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كىچىككىنە خاپىلىقنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر