7 ئۈلۈشتىن ئارتۇق بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرسىز

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: خەلق تورى | ۋاقتى: 2012/06/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەمەتجان قادىر

بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 9 ئۆلكە-رايوندا 18-0 ياشتىكى بالىلارنىڭ ئۇيقىسىنى مەركەز قىلغان، ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئېپىدېمىئولوگىيە تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، جەمئىي 30250 نەپەر بالىنى تەكشۈرگەن.

 


تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىدە ئۇيقۇ قانۇنىيەتسىز بولۇش ياكى ياخشى بولمىغان ئۇخلاش ئادىتى بولۇش قاتارلىقلار ئەھۋاللار بار ئىكەن. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ئۇلار ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن باشلاپ ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۈنسېرى ئېغىرلاپ بارغان. بالىلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 9.2 سائەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 8.1 سائەت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 7.1 سائەت بولغان. دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان «ئوقۇغۇچىلار ساغلاملىقى ۋە سەھىيە خىزمىتى نىزامى» دا بېكىتىلگەن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيقۇ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھېسابلانغان نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، %70 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان. ئامېرىكا، ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 40-50 مىنۇت ئاز بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا بۇخىل پەرق 1 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن.

بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللار قايسى؟ (كېيىنكى بەتكە قاراڭ!)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر