بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان يېمەك –ئىچمەكلەر

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
مەنبە: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى
 

ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى  ئالىملارنىڭ  تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلىق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 7 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان 493 نەپەر بالىنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن بالىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەن. قان ئەۋرىشكىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلارنىڭ قېنى تەركىبىدىكى ω-3 ياغ كىسلاتاسى، بولۇپمۇ DHAنىڭ نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، كىتاب ئوقۇش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقى  بايقالغان.

ω-3 ياغ كىسلاتاسى ئاساسلىقى ساردىنا بېلىقى(沙丁鱼)، كۆك چىپار بېلىق(鲭鱼)، سالمون بېلىقى(三文鱼) ۋە تۇننۇس بېلىقى(金枪鱼) قاتارلىق دېڭىز بېلىقلىرى، زىغىر، پىستە، مۇقاتىل قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىن كېلىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم بېلىق يېگۈزۈشنى، شۇنداقلا يەنە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بېلىق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىن باشقا، يەنە قايسى يېمەكلىكلەر مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ؟
 

1. كاۋا
كاۋا تەركىبىدە كاروتىن مول، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىن C، سىنك، كالىي ۋە تالا ماددىسىمۇ كۆپ. جۇڭگو تېبابىتىدە كاۋىنىڭ تەمى تاتلىق، يۈرەكتىكى ئىسسىقلىقنى ھەيدەپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. دائىم كاۋا يېيىش باش قېيىش، ئىچى تىتىلداش، تولا ئۇسساش، ئىسسىقى ئېشىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرىنى تۈگىتىدۇ، شۇڭا نېرۋىسى ئاجىزلاشقان، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنگەنلەر دائىم كاۋا يېسە، ناھايىتى ياخشى ساقلىق ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ.
 

2. ياڭاق
ياڭاق تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ، شۇڭا بالىلارغا ياڭاقنى كۆپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھەر كۈنى 2 - 3 دانە ياڭاق يېيىش بەدەنگە ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مېڭە چارچاشنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
 

3. تۇخۇم
تۇخۇم تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل مول، تۇخۇم سېرىقىدا لېتسىتىن، تىرى ئاتسىل گىلىتسېرىن، خولېستېرىن، لۇتۇترىن قاتارلىقلار مول. بۇلار نېرۋىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دائىم تۇخۇم يېسە، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
 

4. لامنارىيە
لامنارىيە(خەيدەي 海带) تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتا، لېتسىتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تەركىبىدىكى فوسفور تۈرىدىكى ماددىلار چوڭ مېڭىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر.


5. بانان
باناننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، «ئەقىل - پاراسەت خۇرۇچى» دەپ ئاتالغان فوسفور ماددىسى مول. بانان تەركىبىدە يەنە تروپتوفان ۋە ۋىتامىن B2 ۋە مىنېرال ماددىلار مول، بولۇپمۇ كالىي ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بىر تال بانان تەركىبىدە 451mg كالىي بار، دائىم بانان يېسە، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
 

6. كالا سۈتى
كالا سۈتىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، كالىي، كالتسىي، فوسفور، ۋىتامىن B12، ۋىتامىن D قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ناھايىتى مول بولۇپ،  چوڭ مېڭىنى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر