با‌لىلاردا يۆتەللىك زىققا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى
بالىنىڭ يۆتەللىك زىققا بولۇپ قېلىشى كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسەللىرىنىڭ بىرى. بالىنىڭ كانايچە شىللىق پەردىسى يۇمران، تاشقى مۇھىت كېسەل باكتېرىيەسىنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىغا تاقابىلچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە  ئاسان ياللۇغلىنىپ، بۇ خىل كېسەل كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
 بالىلارنىڭ يۆتەللىك زىققا كېسىلى(يەنە زىيادە سېزىمچان يۆتەل، دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ كېسەل سەۋەبى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئىرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە زىيادە سېزىمچانلىق  بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ،  مەسىلەن، توزانسىمان كانا، سۈۋەرەك، قارا تاراكان، تېرە - يۇڭ، گۈل چېڭى ياكى سوغۇق ھاۋا قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان ھامان قوزغىلىدۇ.
 بالىلاردا بۇ خىل كېسەل ئالامىتى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. قىش پەسلىدە  بالىغا كىيىمنى قېلىنراق كىيدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىيىمنى دائىم ئاپتاپقا سېلىپ پاكلاش(دېزىنفېكسىيە قىلىش) كېرەك.
2. ئۆيدە ئەرمەك ھايۋانلارنى باقماسلىق، غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە گۈللەرنى ئۆستۈرمەسلىك، گىلەم سالماسلىق؛ گۈل چېڭى، توزانسىمان كانا، بۇس، سىر قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك.
3. بالىنىڭ ئۇزۇن تالالىق مۇيى بار ئويۇنچۇقلارنى قۇچاقلاپ ئۇخلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.
4. ئۆي ئىچىنىڭ، بولۇپمۇ بالا ھۇجرىسىنىڭ ھاۋاسىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر