بوۋاقلارنى غالتەك ئوينىتىشنىڭ پايدىسى

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بىزدە يېڭىلا مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان بوۋاقلارنى ياغاچتىن ياسالغان ئۇچ چاقلىق غالتەك ئوينىتىش ئارقىلىق مۇستەقىل مېڭىشقا كۆندۈرىدىغان ئادەت بار. خەلقىمىز نېمە ئۈچۈن بوۋاقلىرىنى بۆشۈكتىن چۈشۈرۈپلا ئۆمىلىتىش بىلەن غالتەك ئوينىتىشقا سالىدۇ؟ بوۋاقلارنى غالتەك ئوينىتىشنىڭ قىممىتى نېمە؟

پىسخولوگىيە ئىلمى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بوۋاقلارنى غالتەك ئوينىتىش ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك تەرەققىياتىغا ماسلاشقان، پەيتلىك تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلمىي تەربىيە ئۇسۇلى. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەرىكەت بالىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. شۇڭا شىۋېيتسارىيەلىك پىسخولوگ پىياگېت ‹‹پىسخىكا تۇغما پىشىپ يېتىلىشتىنمۇ، كېيىنكى تەجرىبىدىنمۇ كەلگەن ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتتىن كەلگەن›› دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكىلىق پىسخولوگ ئېرىكسون شەخسىيەت تەرەققىياتىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق نەزەرىيەسىدە ئادەمنىڭ شەخسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۈمىد، ئىرادە، نىشان پەزىلەتلىرىنىڭ بوۋاقلىق (0 ياشتىن تۆت ياشقىچە)، گۈدەكلىك (تۆت ياشتىن يەتتە ياشقىچە) مەزگىلىدە يېتىلىدىغانلىقىنى شەرھلىگەن. روھىي ئانالىز ئىلمىنىڭ باشلامچىسى فىروئېد ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن گۈدەكلىك مەزگىلىدە يېتىلىپ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. بۇ نەزەرىيەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا ئادەمنىڭ شەخسىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ھەم ئادەمدە پىسخىك پەزىلەت، پىسخىك ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، تەربىيەدە پەيت ۋە پۇرسەتكە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا بوۋاقلارنى بۆشۈكتىن چۈشۈرۈپلا ئۆمىلىتىپ، غالتەك ئوينىتىش بىزدە ئەنئەنىگە ئايلانغان. ك. د. ئوشنىسكى ‹‹تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى خاراكتېرنى شەكىللەندۈرۈشتۇر›› دېگەن. تەبىئىيكى خاراكتېرنىڭ ئاساسى شەخسىيەت، ئىندىۋىدۇئال سۇبيېكت. شۇڭا خاراكتېر پەرۋىشىدە ئەجدادلىرىمىز يەنىلا غالتەك ۋاسىتىسى بىلەن بوۋاقلارنىڭ سۇبيېكتىغا ئەھمىيەت بەرگەن، پىسخىك تەرەققىياتنىڭ تەدرىجىي، ئۈزلۈكسىز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەربىيەنى بۆشۈكتىن باشلاپ ئىلمىي تۇتقان، ‹‹ھايات كېمىسىنى باشقۇرىدىغىنى كۈچ ئەمەس، بەلكى ئىقتىدار›› ئىكەنلىكىنى تونۇغان. نەۋرە سىڭلىمنىڭ دېيىشىچە، بىر دوستى خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادەت – يوسۇنلىرى مۇرەككەپ، ئىلمىي ئەمەسلىكىدىن ۋايساپ، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇپ، ئۈچىنچى كۈنى دوختۇرخانىدا مۇنچىغا چۈشكەن، بەشىنچى كۈنى بالىسىنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ ماروژنا يېگەن. بۆشۈكتە ياتقان بوۋاقلارنى مەسخىرە قىلىپ، تۇغۇتتىن كېيىن پەرھىز تۇتۇشقا پەرۋا قىلمىغان. بالىسىنى ئۈچ ياشقىچە قۇچىقىدىن چۈشۈرمەي بېقىپ، پەقەت يەر دەسسەتمىگەن. نەتىجىدە ئانىنىڭ چاچلىرى پاتلا ئاقىرىپ مومايلارغىلا ئوخشاپ قالغان. بالىسى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلسا يىغلاپ توختىمايدىغان قارغىش، قورقۇنچاق بولۇپ قالغان. مانا بۇ مىسال بىزگە ‹‹سەن ئۆتمۈشكە تاپانچىدا ئوق ئاتساڭ، كېلەچەك ساڭا زەمبىرەكتە ئوق ئاتىدۇ›› دېگەن يەكۈننى چۈشەندۈرىدۇ. تەبىئىيكى، ئەنئەنىمىزدە ئۇلۇغلۇق بار، ھېكمەت بار. شۇڭا بولغۇسى ئاتا – ئانىلار بوۋاقلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ساغلام يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن غالتەك ئوينىتىشقا ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر